لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادلىرى - ئەلتۇركولار

كۆزنەك (51)

2027476
لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادلىرى  - ئەلتۇركولار

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ‹ئەلتۇركولار› مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ غۇرۇرى

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ‹ئەلتۇركولار› مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ غۇرۇرى

19-ئەسىردە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن لاتىن ئامېرىكاسىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئەلتۇركو (تۈرك) دەپ ئاتالغان نۇرغۇن ئوسمانلىلار بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ دۆلەتلەردە سىياسەتتىن سودا دۇنياسىغىچە، سەنئەتتىن ئەدەبىياتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن لاتىن ئامېرىكاسىغا 1860-يىلدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ھەر خىل كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان.

بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە، سۈرىيە، لىۋان، ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتە ئاقدېڭىز، شەرقتە مېسوپوتامىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان لېۋانت رايونىدىن باشلانغان كۆچۈش ھەرىكەتلىرىدە خىرىستىيان ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار ۋە ئەرمەنلەر لاتىن ئامېرىكاسىغا كۆچكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى لاتىن ئامېرىكاسىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.

ئەركىنلىك ھەيكىلىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراپ يولغا چىققان نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى رىئودىكى قۇتۇلدۇرغۇچى ئىسا ھەيكىلى قارشى ئالغان.

پارلاق كېلەچەك ئىزدەپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كەلگەن كۆچمەنلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پۇقرالىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، رايوندا «تۈركلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئەلتۇركوس»، «ئەلتۇركو» (تۈرك) دەپ ئاتالغان.

گەرچە بىر قىسىم ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار ۋە ئەرمەنلەر ئۆزلىرىنى «لوس تۇركوس» دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن لاتىن ئامېرىكاىلىقلار ھازىرمۇ «ئەلتۇركوس» ئىسمىنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدۇ.

 ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋە كونسۇللۇق مۇناسىۋەتلەر ئوخشاش مەزگىلدە باشلانغان.

تارىخىي مەنبەلەردە لاتىن ئامېرىكاسىدا تەخمىنەن 30 مىليون «ئەلتۇركۇس» نىڭ ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 19-ئەسىردە ئوسمانلى پاسپورتى بىلەن بۇ رايونغا كەلگەن ئەرەبلەر ئىكەن.

سىياسەتتىن سودا دۇنياسىغىچە، سەنئەتتىن ئەدەبىياتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن «ئەلتۇركولار» نىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان نوپۇز ھەم ئورۇنغا ئىگە ئىكەن.

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقى ئوسمانلى

«ئەلتۇركولار» نىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە بۇ رايوننىڭ سىياسەت، بىيۇروكراتىيە ۋە سودا دۇنياسىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

ئوسمانلى كۆچمەنلىرى ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، سالۋادور، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، ئېكۋادور، پاراگۋاي ۋە بىرازىلىيەدە سىياسەتتە سۆز ساھىبى بولدى.

بۇلارنىڭ ھازىرقى مىساللىرىنىڭ بېشىدا سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلې، پاراگۋاي پىرېزىدېنتى مارىيو ئابدو بېنىتېز ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى لۇيىس ئابىنادېر قاتارلىقلار كېلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، 2016-2018-يىللىرى بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تېگى لىۋانلىق مىشېل تېمېر، ئېكۋادورنىڭ تېگى لىۋانلىق 41 – پىرېزىدېنتى جەمىل ماھۇئاد، 1989-1999-يىللىرى ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى بولغان تېگى سۈرىيەلىك كارلوس مېنېم ئائىلىلىرىمۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھىم سىياسىيونلاردىن پەقەتلا بىرقانچىسى، خالاس.

دۇنياغا داڭلىق ئەلتۇركولار

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن نۇرغۇن لاتىن ئامېرىكالىقلار سودا ۋە سىياسەتتىن باشقا، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي ۋە سەنئەت ساھەلىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق دۇنيادا داڭ چىقاردى.

16 گراممى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان كولومبىيەلىك ناخشىچى شاكىرا ۋە ئاكترىس، رېژىسسور سالما ھايېك بۇ مىساللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باشقا داڭلىق ئەرەب لاتىنلىقلار ئارىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 8 -شەخس كارلوس سلىم، بىرازىلىيەلىك يازغۇچىلار رادۇئان ناسسار ۋە مىلتون خاتۇم، ئارگېنتىنالىق ئارتىس رىكاردو دارىن قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەربىر دۆلەتتە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن كۆچمەن توپلۇقلار باشقۇرىدىغان مەدەنىيەت ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ بار ئىكەن.

بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى سۈپىتىدە يېرىم مىليونغا يېقىن كۆچمەن پەلەستىنلىكلەر ياشاۋاتقان چىلىدىكى پەلەستىن-چىلى توپلۇقىدىكى «پالېستىنو» دەپ ئاتالغان 103 يىللىق كەسپىي پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى پىلانغا چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر