ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو مەكتەپلەردە ئەقلىيفونلارنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى

كۆزنەك (50)

2024512
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو مەكتەپلەردە ئەقلىيفونلارنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) مەكتەپلەردە ئەقلىيفونلارنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو تەرىپىدىن ئۇدا 18 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان «يەر شارى خاراكتېرلىك مائارىپنى كۆزىتىش دوكلاتى» نىڭ بۇ يىلقى سانىدا «يانفون چەكلىمىسى» نىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

يۇنېسكونىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، يانفوننى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش تەلىم - تەربىيە سەۋىيەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يانفون ئېكرانىنىڭ ئۇدا نەچچە سائەت ئوچۇق تۇرۇشى بالىلارنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىلىق دەلىل-ئىسپاتلار بار ئىكەن. ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو ئەقلىيفونلارنىڭ مەكتەپلەردە چەكلىنىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، رەقەملىك تېخنىكا باشتىن- ئاخىر «ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان مائارىپ قارىشى» غا ئۇيغۇن بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان يۈزتۇرانە ئالاقىنىڭ ئورنىنى ئالماسلىقى كېرەك ئىكەن.

يۇنېسكو باش دىرېكتورى ئاۋۇدرېي ئازولاي مۇنداق دەيدۇ: «رەقەملىك تېخنىكا مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، لېكىن جەمئىيەتتە رەقەملىك تېخنىكىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ۋە  مائارىپ ساھەسىسدە ئۇنى  قوللىنىش شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.»

دۆلەتلەرنىڭ % 14 تى ئەقلىيفونلارنى چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويماقتا

يۇنېسكونىڭ يەر شارىۋى يانفون چەكلەش تەكلىپى نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇن ئارقىلىق يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. فىرانسىيە 2018-يىلى قانۇن ئارقىلىق مەكتەپلەردە ئەقلىيفون چەكلىگەن تۇنجى دۆلەت بولدى. گىۋىنېيە 2021-يىلى ئەقلىيفون چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى. لاتۋىيە، مېكسىكا، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تولۇق ياكى قىسمەن ئەقلىيفونلارنى چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

باڭلادېش بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان سىياسەتنى يولغا قويدى. 2011-يىلى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا ئوقۇتقۇچىلارغا يانفون چەكلىمىسى قويۇلدى. 2017-يىلى ھەم ئوقۇغۇچىلار ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يانفونىنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىشى چەكلەندى.

تاجىكىستان مائارىپ قانۇنىنىڭ 25-ماددىسىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆزبېكىستاندا مەكتەپلەرگە كىرگەندە بارلىق ئەقلىيفونلارنى تاقاش شەرت.

2024-يىلى مەكتەپلەردە ئەقلىيفون چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە فىنلاندىيە بىلەن گوللاندىيەمۇ بار.

ئەقلىيفونلارنى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە تەلىم - تەربىيە سەۋىيەسى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش پىروگراممىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە خەلقئارالىق باھالاش نەتىجىلىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەقلىيفونلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بارغانسېرى  تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بېلگىيە، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، مەكتەپلەردە ئەقلىيفونلارنىڭ چەكلىنىشى نەتىجىسىدە بولۇپمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئەقلىيفون چەكلىمىسى ئوقۇتقۇچىلار مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ

تۈركىيەدە 2019 – يىلى رەسمىي  گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسەن، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى نۇرغۇن ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

بۇ ماددىلار ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ دىققەت قوزغايدىغىنى يانفون چەكلىمىسى بولدى.

بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەرس ئارىلىقىدا ياكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈن- سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفون، كامېرا، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەش – چەكلىمەسلىك توغرىلىق قارار چىقىرىش ھوقۇقى مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە بېرىلگەن.

دەرس ۋاقتىدا يانفون ئىشلىتىتىشكە رۇخسەت قلىپ- قىلماسلىق ھوقۇقى ئوقۇتقۇچىلار مۇدىرىيىتىگە بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر