لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى

بىلىۋېلىڭ (47)

2021159
لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى

لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى

لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇزۇن يىل كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر تىنچلىق شەرتنامىسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەغلۇپ بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مۇستەقىللىقىنى يوقىتىدۇ ۋە زېمىنى ئىشغال قىلىنىدۇ. لېكىن تۈركىيە خەلقى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، غەلىبە قازىنىدۇ.

تۈركىيە خەلقى ئىنتايىن ھەققانىي ۋە كۈچكە ئىگە سەۋەبلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ پەۋقۇلئاددە كۈرەش ھەربىي جەھەتتىن 1922-يىلى كۈزدە بۈيۈك غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمدى نۆۋەت پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇ نەتىجىنى ئېتىراپ قىلىشىغا كەلگەن ئىدى.

تىنچلىق يىغىنى 1922-يىلى 20-نويابىر كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا تۈركىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ئىسمەت پاشا مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ بارلىق مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتورىغا قويىدۇ. «لوزان شەرتنامىسى» تۈزۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئۇدا 8 ئاي داۋاملىشىدۇ. ئاخىرىدا، 1923-يىلى 24 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، يۇگوسلاۋىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، گىرېتسىيە ۋە ياپونىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ.

لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.  لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، «تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. تەرەپلەر ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ۋە ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تۈزۈلگىنىگە 100 يىل بولغان لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ تېكىستىدە بۇ شەرتنامىنىڭ مۇددىتىنىڭ 2023-يىلى ياكى باشقا بىر ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ماددا يوقتۇر.

 تۈركىيە دۆلىتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ياخشى نىيەتلىك پوزىتسىيەسىمۇ بۇ شەرتنامىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىنىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈركنىڭ «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ بارلىق ماددىلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشىمۇ تىنچلىقنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر