تۈركىيە-پارس قولتۇقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (48)

2017338
تۈركىيە-پارس قولتۇقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر

تۈركىيە-پارس قولتۇقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرقتە باشلانغان نورماللىشىش جەريانىنى يېڭى رايونلىشىش ئېھتىياجىنىڭ تەلىپى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەرەب قوزغىلاڭلىرى ۋە ئىنقىلابلىرىدىن كېيىن، رايوندىكى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ۋە بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسىي تۈزۈلمىلەرنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، غەرب دۆلەتلىرى ۋەزىيەتكە بىۋاستە ئارىلىشىپ يېڭى رايون سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. بۇ جەرياندا، ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدە، بەزى كىرىزىس نۇقتىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش بولدى، رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قايتىدىن بېكىتىلدى. نەتىجىدە «يەر شارى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكانىڭ ھېمايىسى ئاستىدا، مەركىزىدە ئىسرائىلىيە بولغان، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرادىسى نۆلگە چۈشۈرۈلگەن يېڭى رايون تەرتىپىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى تاشلاندى.

 بۇ يېڭى رايون تەرتىپىدە، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلۇپ، رايون سىياسىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا دۇچ كەلدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئىتتىپاقداش دەپ قارالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىرادىسى يوق قىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمىدى. ئامېرىكادا بايدىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋە ئۇ تەرەققىي قىلدۇرغان چەتكە قېقىش، تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىك سىياسەت نەتىجىسىدە، رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر تاشقى سىياسىتىنى قايتا تەڭشىدى.

ئالدى بىلەن، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا،  ئاندىن پارس قولتۇقى ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن باشقا رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا مەسىلە كۆرۈلگەن رايونلۇق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى باشلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن رايونلار رەتلەندى، ئاندىن يېڭى ھەمكارلىق سۇپىلىرى قۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 17-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەت (سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار) زىيارىتى، مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېلىپ بېرىلدى. زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون سىياسىتى ۋە دۇنيا سىياسىتىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق.

 تۆۋەندە «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، بىخەتەرلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە-پارس قولتۇقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر» تېمىلىق ئانالىزىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئۈستىدە، ئۈچ ئوخشىمىغان مەزمۇندا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە تىرىشىمىز.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە مۇھىم ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە سودا تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك سودىدا يېڭى سەۋىيەلەرگە يەتتى. پارس قولتۇقىدىكى ئىقتىسادىي ئاكتىيورلار تۈركىيەگە سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتتى. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئاكتىيورلىرى پارس قولتۇقىغا ئېچىلدى. مەسىلەن، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا نام چىقارغان ئۇچقۇ ياساش شىركەتلىرىدىن بايكار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا، تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى كېلىشىمى ئىمزالاندى. تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 51 مىليارد دوللارلىق مالىيە ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالاندى.

بۇنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيە ھەم كۆپ خىللاشقان ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا تۆھپە قوشىدىغان ئېكسپورت بازىرىغا يېتەلەيدۇ ھەمدە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ  مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدا غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان تايىنىشنى ئازايتالايدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بولدى. چۈنكى بۇ زىيارەت رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىم ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ئۈچ يىللىق نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدىن ھالقىتىپ، رايون تەرتىپىنى ئورنىتىش مۆلچەرىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭدا بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار دىققەت تارتىدۇ.

بىرىنچىدىن، رايون دۆلەتلىرى يەرشارى ئاكتىيورلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە ھەممىگە ئارىلىشىش سىياسىتىدىن مەمنۇن ئەمەس. رايون دۆلەتلىرى يەر شارى ئاكتىيورلىرىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا يەر شارى بازىرىدىكى سېتىش ياكى توقۇنۇشنىڭ ئوبيېكتى ۋە قۇربانى بولىمىز، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە غەربتىن باشقا يەر شارى ئاكتىيورلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالىمايدىغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تۈركىيە بىلەن  ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. بۇ زىيارەتنى مىسالغا ئالساق، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان، مەھسۇلات سېتىشقا شەرت قويىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە يۈزلەنمەكتە.

ئىككىنچىدىن، ئۇلار رايون مەسىلىلىرىنى پەقەت رايونلۇق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. يەرشارى ئاكتىيورلىرى ئارىلاشقان، بىر تەرەپكە يانباسقان سۈرىيە ۋە لىۋىيە كىرىزىسى قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى قىيىنغا توختىماقتا. ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتقان تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، يەمەن، لىۋىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايونلۇق كىرىزىس نۇقتىلىرىدا ھەمكارلىشالايدۇ. ھېچ بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق دولقۇنىنى تۈگىتىشتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى.

ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇققا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە رايوندىكى يالغۇزلۇقىدىن پايدىلانغان گىرېتسىيە، مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە بىلەنلا ئەمەس، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيەنى شەرقىي ئاقدېڭىزدىمۇ يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلماقچى بولدى. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي چىقىملارغا قارىماستىن يولغا قويغان قارشىلىق كۆرسىتىش سىياسىتى تۈركىيەگە قارشى بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە نورماللىشىش مۇساپىسىگە ئەگىشىپ، شەرقىي ئاقدېڭىزدا گىرېتسىيەنى مەركەز قىلغان تۈركىيەگە قارشى تەرەققىي قىلغان ئىتتىپاق ئۆزلىكىدىن تارقالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن، گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيەنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى كۈنلەردە ئېچىلغان ناتو ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭى بەت ئاچتى.  پارس قولتۇقى زىيارىتى ئارقىلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەنمۇ يېڭى بەت ئاچتى. بىر پۇتى غەربتە، يەنە بىر پۇتى شەرقتە بولغان تۈركىيەنىڭ مۇھىملىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، يەنە بىر تەرەپتىكى مۇھىملىقىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. غەربنىڭ كۆزىدە مۇھىم بولغان تۈركىيەنىڭ شەرقتىكى ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئوتتۇرا شەرقتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان تۈركىيە، غەربتىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. قىسقىسى، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تاشلىغان بۇ تارىخىي قەدەملىرى غەربتە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ ھەممىگە ئارىلىشىش ۋە بىر تەرەپلىمە سىياسىتىدىن بىئارام بولغان رايون دۆلەتلىرى ئامېرىكا رايوندىن نىسپىي چېكىنگەن، رايونغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئازايتقاندىن كېيىن، رايوندا تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان باشقا يەر شارى ئاكتىيولىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىمۇ رايوندىكى تۈركىيە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك ئاكتىيورلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇڭا، يەر شارىدىكى ئاكتىيورلار نىسپىي تەسىرىنى يوقاتقان رايونلاشتۇرۇش جەريانىدا، تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يەر شارى ئاكتىيورلىرىغا تايىنىشنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر