بودرۇم قەلئەسى

بىلىۋېلىڭ (46)

2013929
بودرۇم قەلئەسى

بودرۇم قەلئەسى

بودرۇم قەلئەسىنىڭ 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھازىرمۇ ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەگە دېڭىزى رايونىغا جايلاشقان داڭلىق ساياھەت رايونى بولغان بودرۇم تارىختىن بۇيان مۇھىم پورت شەھىرى سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بودرۇم قەلئەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن قورشالغان بودرۇم قەلئەسى جايلاشقان جاي قەدىمكى دەۋرلەردە بىر ئارال بولۇپ، كېيىن قۇرۇقلۇققا تۇتۇشۇپ، يېرىم ئارالغا ئايلانغان.

بودرۇم قەلئەسى 1406-1522-يىللىرى ئارىسىدا ساينت جېن چەۋەندازلىرى تەرىپىدىن بۇ تاشلىق يېرىم ئارالدىكى ئىككى پورت ئوتتۇرىسىدا ياسالغان. تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك قەلئەنىڭ قۇرۇلۇشىدا دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ بىرى بولغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان مائۇسلېيوننىڭ مازار تاشلىرى ئىشلىتىلگەن. قەلئەنىڭ بەش مۇنارى ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى فىرانسۇز مۇنارى بولۇپ، ئېگىزلىكى 47.5 مېتىر كېلىدۇ.

بۇ قەلئە 1960 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رايوندىكى چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەر ئارىسىدىن چىقىرىلغان يادىكارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بودرۇم سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن.

بودرۇم سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە مۇزېي پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىكى نادىر مۇزېيلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى چۆكۈپ كەتكەن ئەڭ قەدىمكىي كېمە ھېسابلىنىدىغان، بۇنىڭدىن 3300 يىل ئىلگىرىكى مىس دەۋرىگە تەۋە بولغان «ئۇلۇبۇرۇن» ناملىق  لىكيا سودا كېمىسىمۇ بۇ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەينى ۋاقىتتىكى دېڭىز سۈيى بىلەن تولدۇرۇلغان قەلئە خەندەكلىرىدىن بىرىمۇ بۈگۈنكى كۈندە سەھنە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىغان فېستىۋال ساھەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

بودرۇم قەلئەسى قەدىمكىي دەۋرنىڭ خارابىلىرىنى، 15-ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ يادىكارلىق سەنئىتى، بىناكارلىقى ۋە تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان رودوس چەۋەندازلىرى دەۋرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى، شۇنداقلا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى بىر گەۋدە ھالىتىدە باغرىغا بېسىپ ياتماقتا. بۇ قەلئە مۇھىم بىر يادىكارلىق سۈپىتىدە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر