يەل مەسىلىسى بار بوۋاقلارنى ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

شىپا بۇلىقى (45)

2009887
يەل مەسىلىسى بار بوۋاقلارنى ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

يەل مەسىلىسى بار بوۋاقلارنى ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئېمىۋاتقان بوۋاقلاردىكى ئۇزۇقلىنىش سەزگۈرلۈكى ۋە يەل مەسىلىسى

بەزى ئانىلارنىڭ قارىشىچە، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بروككولى، يېسىۋىلەك، بانان، تۇخۇم ياكى سامساق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بوۋاقلاردا كەلگۈسى 24 سائەتكىچە يەل مەسىلىسى ۋە بەتخۇيلۇق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن ۇتيخۇيلۇق Huyخۇ.

بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتقىنىڭىزدا بوۋىقىڭىزدا يەل سانجىقى ۋە چۇقۇق ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرىسىز.

بوۋاقلاردا يېشى چوڭ بالىلار ۋە چوڭلارغا قارىغاندا يەل مەسىلىسى كۆپ بولۇپ، بۇ نورمال ئەھۋالدۇر. دەرۋەقە بوۋاقلار تېخىمۇ كۆپ ھاۋانى يۇتۇۋالىدۇ.

ئەگەر ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىڭىزدا يەل مەسىلىسى بولمىسا، يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى تەڭشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەتتە بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ھەر خىل يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنىڭ  بىر قىسمىنى سىماب تەركىبى يۇقىرى بولغان بېلىقلار، بەزى ئۆسۈملۈكلەر، سۈت مەھسۇلاتلىرى، كوففېئىن ۋە شاكىلات قاتارلىقلار تەشكىل قىلىدۇ.

يەل مەسىلىسى بار بوۋىقىنى ئېمىتىۋاتقان ئانىنىڭ غىزالىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەگەر ئاتا-ئانىدا ۋە بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدە سەزگۈرلۈك كېسىلى بولسا، بولۇپمۇ كالا سۈتى سەزگۈرلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇقلۇق سەزگۈرلۈكلىرىنى چوقۇم ئەستە تۇتۇش كېرەك.

ئەگەر كالا سۈتى سەزگۈرلۈكى تەرىقىسىدە دىياگنوز قويۇلسا، بوۋاق سۈت پاراشوكى بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان بولسا، بۇنى چوقۇم ئاممۇنىي كىسلاتاسى مول بولغان پېپتىد پاراشوكلارغا ئۆزگەرتىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پاراشوك دورىلىرىدىمۇ كالا سۈتى ئاقسىلى مولدۇر.

يەل سانجىقى بار بوۋاقنىڭ ئاتا – ئانىسى بىر-ئىككى ھەپتە سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.

يەل سانجىقى بار بوۋاقنىڭ ئانىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

• كۈندە كەم دېگەندە ئۈچ ۋاق تاماقتىن سىرت يەنە، قوشۇمچە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىمۇ يېيىشى كېرەك. تاماقنى ئۆز ۋاقتىدا يېيىشكە دىققەت قىلىشى لازىم.

• شاكىلات، قەھۋە، چاي ۋە ناترىي قاتارلىق تەركىبىدە كوففېئىن بولغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئازايتىڭ.

• ھەر كۈنى كۆپ سۇ ئىچىڭ. ئۇسسىغانلىقىڭىز يېتەرلىك سۇ ئىچمىگەنلىكىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

• ئەگەر سۈنئىي تاتلىق تەم تەڭشىگۈچ ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇلارنى ئازايتىڭ ياكى ئىشلەتمەڭ.

• ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىڭىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئاستا-ئاستا ئۇرۇقلاشقا تىرىشىڭ ۋە كالورىيە مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەشتىن ساقلىنىڭ.

ئېمىۋاتقان بوۋاقلاردا يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر

ھەم بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىدا ھەم بوۋاقتا يەل سانجىقى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

• تالا: كېپەك، پۇرچاق ۋە دانلىق زىرائەت قاتارلىق يېمەكلىكلەر.

• بروككولى، بانان، ئالما، شاپتۇل، نەشپۈت، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە  قۇرۇق يەل ـ يېمىش قاتارلىق مېۋە - چىۋىلەر.

• كورنۇس، يېسىۋىلەك ۋە بىريۇسسېل مايسىسى قاتارلىق كۆكتاتلار.

• سامساقلىق ۋە دورا - دەرمانلىق  يېمەكلىكلەر: ماكارنا يېمەكلىكلىرى ياكى سامساق نېنىغا ئوخشىغان سامساق تەملىك يېمەكلىكلەر.

• سۈت، ئىرىمچىك، قېتىق، ماروژنى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، كازېئىن، پىشلاق سۈيى ياكى تەركىبىدە ناترىي كازېئىن ماددىسى بار ھەر خىل تەييار يېمەكلىكلەر.

• كاربونلانغان ئىچىملىكلەر.

• تۇخۇم، بۇغداي، يەر ياڭىقى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بېلىق ۋە دەرەخ مېۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەر يەل ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلى

ئانىغا بەزى گۇمانلىق يېمەكلىكلەرنى تەدرىجىي چەكلەش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش كېرەك. ئاندىن ئانىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىدىن بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش  ئارقىلىق ئۇنى داۋالاشقا باشلاش كېرەك.

ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلى ۋە بوۋاقلارنىڭ يەل مەسىلىسىنى خاتىرىلەپ مېڭىڭ. ئاندىن، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە ھەر قېتىم زىيانلىق بىر يېمەكلىكنى تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلاڭ. ئەگەر بوۋىقىڭىز بۇ يېمەكلىككە سەزگۈر بولسا، بىر ھەپتە ئىچىدە بوۋىقىڭىزنىڭ يەل مەسىلىسىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرىسىز. (ئەسلىدە يېمەكلىك سەزگۈرلۈكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە بىر ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.) بىر ھەپتىدىن كېيىن، بوۋىقىڭىزنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن يېمەكلىكنى قايتا سىناپ بېقىڭ.

ئېمىۋاتقان بوۋاقلاردىكى يېمەكلىك سەزگۈرلۈكى

ئېمىۋاتقان بوۋاقلارنىڭ % 2-3 ى ئادەتتە كالا سۈتىگە سەزگۈر كېلىدۇ.

بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىدىكى تۇخۇم، بۇغداي، بېلىق، يەر ياڭىقى، قۇرۇق يەل - يېمىش قاتارلىق يېمەكلىكلەر بوۋاقلاردا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئانچە كۆپ ئەمەس.

يېمەكلىككە قارىتا سەزگۈرلۈكى بار بوۋاقلاردا ئادەتتە پەقەت يەل سانجىقىلا ئەمەس، تاماق يەپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە چۇقۇق، ئەسۋە، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بوۋىقىڭىزدا بۇ خىل ئالامەتلەردىن بىرەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقىسىڭىز، دەرھال دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ. چۈنكى ئېغىر يېمەكلىك سەزگۈرلۈكى بوۋىقىڭىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

• نادىر  ئەھۋاللاردا ئانىنىڭ يېگەن يېمەكلىكلىرى ئېمىۋاتقان بوۋاقتا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ يېشىل،  شىلىمشىق سۇيۇقلۇق شەكلىدە ۋە قان ئارىلاش كېلىشىدۇر.

• سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، بۇغداي ۋە تۇخۇم قاتارلىقلاردۇر. سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەر بېلىق، ئورمان ياڭىقى، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز يېگەن ھەرقانداق بىر يېمەكلىك بوۋاقتا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

• بوۋىقىڭىز سەمرىگەن ۋە قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن تەقدىردە بالىڭىزنىڭ سەزگۈرلۈك كېسىلى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. شۇڭا بوۋىقىڭىزنى ئېمىتىشنى توختىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

• بارلىق يېمەكلىك بەلگىلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇش ئارقىلىق گۇمانلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزۇقلىنىش تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلاش مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن 4-6 ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. يېمەكلىك سەزگۈرلۈكى مەسىلىسىدە تەجرىبىلىك دوختۇر ياكى ئوزۇقلۇق دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى تەڭشەش پىلانىڭىزنى تۈزسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر