دېڭىز - ئوكيانلارنى تەكشۈرۈش ئاي شارىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ تەس

كۆزنەك (45)

2009780
دېڭىز - ئوكيانلارنى تەكشۈرۈش ئاي شارىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ تەس

دېڭىز - ئوكيانلارنى تەكشۈرۈش ئاي شارىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ تەس

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دېڭىز - ئوكيانلارنى تەكشۈرۈش ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتىنمۇ قىيىن ئىكەن.

مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ۋودس ھولې دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات ئورنى (WHOI) نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دېڭىز - ئوكيانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قارىغاندا «تېخىمۇ قىيىن ۋە چىقىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

س ن ن   (CNN) خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى – ناسانىڭ پەخرىي دېڭىز - ئوكيانشۇناسى دوكتور گېن فېلدمان: «بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئاي شارى بىلەن مارسنىڭ خەرىتىلىرى ئۆزىمىزنىڭ پىلانېتامىزنىڭ خەرىتىسىدىنمۇ ياخشى»  دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز - ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسى (NOAA) نىڭ 2022-يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىنسانلار نەچچە ئونمىڭ يىلدىن بۇيان دېڭىز - ئوكيانلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇلار پەقەت دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنىڭلا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقالىغان.

دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 12 ئالەم ئۇچقۇچىسى ھازىرغىچە ئاي يۈزىدە جەمئىي 300 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئەمما ئۈچ كىشى غەربىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر نۇقتا» دەپ ئاتالغان «مارىيانا ئويمانلىقى» نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان.

ئىنسانلارنىڭ دېڭىز – ئوكيانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى، دېڭىز - ئوكيانلارغا چوڭقۇر چۆككەنسىرى غايەت زور دەرىجىدىكى بېسىمغا يولۇقۇش ئىكەن. شۇنداقلا  دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇ ۋە قاتتىق سوغۇق بولۇشى ئىكەن.

دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا نېمىلەر بار؟

دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، «چوڭقۇر ئوكيان» دەپ قارالغان ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقى 1000-6 مىڭ مېتىرغا يېتىدىكەن، چوڭقۇر دېڭىز –ئوكيانلار بولسا 11 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەن.

«ھادال» دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز - ئوكيان ئويمانلىقلىرى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يەر ئاستى ئىلاھى ھادېسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان ھادال رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا توڭلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدىكەن.

ئالىملار تۇنجى قېتىم 1948-يىلى بۇ دېڭىز - ئوكياندىكى تەخمىنەن 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ھاياتلىق ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

ئالىملار ھازىرغىچە دېڭىز - ئوكيانلاردىكى  2 مىليون 200 مىڭ دېڭىز جانلىقلىرىدىن پەقەت 240 مىڭ تۈرىنىلا  ئېنىقلاپ چىقالىدى

ناسانىڭ دېڭىز - ئوكيانشۇناسى دوكتور گېن فېلدمان مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار چوڭقۇر ۋە ئوتتۇراھال چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا تەكشۈرۈپ چىقالىدى، ھەمدە دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭلا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقالىدى.»

ئىنسانلارنىڭ بۇنداق چەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى چىقىمنىڭ كۆپ بولۇشىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئاۋاز دولقۇنلۇق ئورۇن بېكىتكۈچ رادارى -  سونار سەپلەنگەن پاراخوتلارنىڭ چىقىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، پەقەت يېقىلغۇنىڭ كۈندىلىك چىقىمىلا 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا  يېتىدۇ.

دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھاياتلىقنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى - Ocean Census  نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئالىملار دېڭىز - ئوكيانلاردا مەۋجۇت دەپ قارىلىۋاتقان 2 مىليون 200 مىڭ خىل جانلىقتىن پەقەت 240 مىڭىنىلا ئېنىقلاپ چىقالىغان.

فېلدماننىڭ قارىشىچە، دېڭىز - ئوكيانلاردا قانچىلىك دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر