نەسىردىن ئەپەندى

بىلىۋېلىڭ (44)

2009178
نەسىردىن ئەپەندى

نەسىردىن ئەپەندى

تۈركىيەنىڭ خەلق قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دۇنياغا داڭلىق شەخس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

نەسىردىن ئەپەندى تۈرك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى. گەرچە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ياشىغان ياكى ياشىمىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى ھۆججەتلەر بار. بۇ ھۆججەتلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نەسىردىن ئەپەندى 1208-يىلى ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ سىۋرىھىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق ھورتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. نەسىردىن ئەپەندى ئوقۇشىنى تاماملاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئاشۇ دەۋردىكى تەسەۋۋۇپ پىكىر - تەپەككۇرلىرى مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ 1284-يىلى ئاقشەھىردە ۋاپات بولغان ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى نەسىردىن ئەپەندى مەقبەرەسىگە دەپنە قىلىنغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا نەسىردىن ئەپەندى نامىدىكى لەتىپىلەر، ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ لەتىپىلەر ۋە ھېكايىلەرنىڭ سانى قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان بارغانسېرى كۆپەيگەن.

خەلق پەيلاسوپى بولغان نەسىردىن ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تونۇلغان ۋە خەلقلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇ ئەزەربەيجاندا موللا نەسىردىن، قازاقىستاندا كوجا نەسىردىن، ئۆزبېكىستاندا نەسىردىن ئەپەندى دەپ ئاتالغان.

نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى لەتىپىلەر ۋە ھېكايىلەر تۈركىي مىللەتلەردىن سىرت يەنە، ئەرەبلەر، بۇلغارلار، خىتايلار، پارسلار، ۋېنگىرلار ۋە رۇسلار قاتارلىق ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىمۇ كەڭ تارقالغان؛ ئاشۇ جەمئىيەتلەرنىڭ يەرلىك قەھرىمانلىرىنىڭ لەتىپىلىرى ۋە ھېكايىلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن.

 ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ قارارىغا ئاساسەن 1996-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى يىلى سۈپىتىدە تەبرىكلەنگەن.

يېزىقچىلىق مەدەنىيىتىدە نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكىي ھېكايە 1480-يىلى ئانادولۇ تۈرك داستانلىرىدىن بىرى بولغان سەلتۇقنامەدە كۆزگە چېلىقىدۇ. لېئونىد سولوۋىيوۋنىڭ بىرىنچى تومى 1940-يىلى نەشىر قىلىنغان ئىككى توملۇق ئەسىرى نەسىردىن ئەپەندى رومان ئۇسلۇبىدا تەسۋىرلەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق شەخس دەپ قارالغان بىر يۈرۈش ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ تىراژى 1 يېرىم مىليونغا يەتكەن. شۇڭا، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە يېزىلغان ۋە ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئەسەر نېمىس، ۋېنگىر، گىرېك، سېرب، كىرود قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە توختىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرمەسلىك مۇمكىن ئەمەس.

كىشىلەر نەسىردىن ئەپەندىدىن:

  • دۇنيانىڭ مەركىزى قەيەردە؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، نەسىردىن ئەپەندى:
  • دۇنيانىڭ مەركىزى مېنىڭ قولۇمدىكى تاياق يەرگە تېگىدىغان يەر، دەپ جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ:
  • ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار، ئۇنى ئۆزۈڭلار ئۆلچەپ كۆرۈڭلار.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر