بوۋاقلاردىكى يەل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (44)

2009166
بوۋاقلاردىكى يەل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

بوۋاقلاردىكى يەل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

ئەگەر كىچىك بوۋىقىڭىزدا يەل مەسىلىسى بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ:

• بوۋىقىڭىز ئاچلىق سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىغلاشتىن بۇرۇن ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا باشلاڭ. چۈنكى بوۋاقلار ئاچلىقتىن يىغلىغاندا ھاۋانى يۇتۇۋالىدۇ. قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بوۋاق ئوزۇقلاندۇرۇلۇشقا باشلانغان ھامان ھاۋانى ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ يۇتۇۋالىدۇ. ئەگەر بوۋىقىڭىز ئويغاق ھالىتىدە يىغلاپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئوزۇقلاندۇرۇلغىنىغا كەم دېگەندە بىر-ئىككى سائەت بولغان بولسا، يەنە ئوزۇقلاندۇرۇشقا باشلاڭ.

• يەل پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بېشىدا، مەيلى ئانىدىن ياكى ئېمىزگىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بوۋاقلارنىڭ ئېمىش مەسىلىسى كېلىدۇ. بوۋاق ئانىسىنى تېز ئېمىش جەريانىدا ھاۋانى يۇتقاندا يەل مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بوۋىقىڭىزنى ئېمىتكەندە ئۇنىڭ كۆكرىكىڭىزگە مەھكەم يېپىشقانلىقىغا ۋە ھاۋانى يۇتۇۋەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

• بوۋاقنىڭ يېلىنى ئېمىتكەندىن كېيىنلا دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك. ھەتتا ئېمىتىش جەريانىدىمۇ يەنى ئەمچەك ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىمۇ بوۋاقنىڭ يېلىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. بوۋاقنى ئېمىتكەندىن كېيىن تەخمىنەن 25 مىنۇت قۇچىقىڭىزدا تىك تۇرغۇزۇڭ. بۇ ئاشقازان ۋە كېكىرتەك ئارىسىدىكى كىلاپاننى ئارام تاپقۇزۇپ، يەلنىڭ شەكىللىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.

• بوۋاقنى ئېمىزگە بىلەن ئېمىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كېكىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېمىتكەندىن كېيىن بوۋىقىڭىزنى بىر نەچچە مىنۇت تىك تۇتۇڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قايسىسىنىڭ بوۋىقىڭىزنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە چاچراتماستىن ئېمىشىگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تاللاش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان ئېمىزگىلەرنى – سۈت بوتۇلكىلىرىنى سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنى سۈت بوتۇلكىسى بىلەن ئوزۇقلاندۇرسىڭىز، سۈت بوتۇلكىسى ئېمىزگىسىنىڭ تۆشۈكىنىڭ بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولماسلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

• ئەگەر بوۋاق يەل چىقىرىشتا قىينالسا، بوۋىقىڭىزنى بىر مىنۇت ياتقۇزۇڭ، ئاندىن ئۇنى تىك تۇتۇپ، قايتا سىناڭ.

• بوۋىقىڭىزنىڭ قۇچىقىڭىزدا يېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىڭ. كۈندۈزى ئويغاق ۋاقىتلاردا بالىڭىزنى قۇچىقىڭىزغا كۆپ ئېلىڭ.

• بوۋاقنىڭ پۇتىنى ئىسسىق تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. پۇتى توڭغان بالىلاردا يەل مەسىلىسى كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بوۋاقلار ئۇخلاۋاتقاندا ئۇلارنىڭ پۇتىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر سوغۇق بولسا، ئىسسىق سۇ خالتىسى بىلەن ئىسسىتىش كېرەك.

• ئۆينىڭ تېمپېراتۇراسى بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولماسلىقى كېرەك.

بوۋاقنىڭ يېلى قانداق چىقىرىلىدۇ؟ يەل چىقىرىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

بوۋاقلارنىڭ يېلىنى چىقىرىىش ئۈچۈن، ئاشقازانغا يېنىك بېسىم ئىشلىتىپ، يەلنى چىقىرىدىغان تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك:

• بوۋاقنى دۈم ياتقۇزۇپ، قورسىقىنى سائەت يۆنىلىشىدە ئۇۋۇلاش، ئاندىن تىزلىرىنى قورسىقى تەرەپكە ھەرىكەت قىلدۇرۇش بوۋاقنىڭ يېلىنى چىقىرىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

• ئوزۇقلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاقنى ئۇنىڭ ئاشقازان قىسمىغا يېنىك بېسىپ پەيدا قىلىدىغان شەكىلدە قۇچىقىدا تۇتۇپ، ئېڭىكىنى مۈرىسىگە يۆلەش ۋە  دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يېلىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

• بوۋاقنىڭ قورسىقىنى ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان شەكىلدە ياتقۇزۇپ، دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاشمۇ يەل چىقىرىش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر.

• يەل چىقىرىش جەريانىدا ئاشقازانغا بەك كۆپ بېسىم قىلماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇسۇل قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• بالىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ 15-20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇددىي ۋېلىسىپىت پېدالىنى ئايلاندۇرغاندەك بوۋىقىڭىزنىڭ پۇتىنى ئاستا – ئاستا ھەرىكەت قىلدۇرۇڭ.

• بوۋاقلار ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق، تار كىيىم، ئائىلە جېدەل – ماجىرالىرى، ھەددىدىن زىيادە غىدىقلىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقتىن، ھۇزۇرسىزلىق ۋە ھەددىدىن زىيادە يىغلاش بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

• بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى تېزلەشكەن مەزگىلدە كۆپرەك ئېمىشنى خالايدۇ.

بوۋاقنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

ھەر بىر بوۋاقنى تىنچلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك. تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

• بوۋاقنى ئەدىيالغا ئوراش،

• بوۋاقنىڭ قورسىقىغا ئىسسىق ھۆل لۆڭگە قويۇش،

• بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش، ئاندىن ئورگانىك زەيتۇن يېغى ياكى بوۋاقلار مېيى بىلەن ئۇۋۇلاش (كۆكرەك بوشلۇقىدىن تارتىپ تاكى چاتراققىچە ئايلانما ھەرىكەتلەر شەكلىدە ئۇۋۇلاش) ئۈچەينى جانلاندۇرىدۇ. يېنىك بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق سولدىن ئوڭغا ئۇۋۇلاش ناھايىتى پايدىلىق. بۇ ئارىلىقتا بوۋاقنىڭ پۇتىنى قورسىقى تەرەپكە ئىتتىرىش ئۇنىڭ يەل چىقىرىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ.

• باغرىغا بېسىش،

• قۇچىقىدا يېنىك تەۋرىتىش،

• ئاق ئاۋاز دەپ ئاتىلىدىغان بەزى ئاۋازلارنى ئاڭلىتىش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ ئاۋازلاردىن بوۋاقنى  تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلىنىش مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ ئاۋاز ئانىنىڭ قارنىدىكى ئاۋازلارغا  ئوخشىشى مۇمكىن. بوۋاقنى چاچ قۇرۇتقۇچ، توكلۇق سۈپۈرگە قاتارلىق شاۋقۇن-سۈرەنلىك بۇيۇملارنىڭ ئاۋازلىرىدىن پايدىلىنىپ تىنچلاندۇرۇش مۇمكىن. ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلغان بوۋاقنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۇخلىتىش تېخىمۇ ئاسان.

• ئەللەي ناخشىسى ياكى تىنىچلاندۇرۇش مۇزىكىسى ئاڭلىتىش،

• چۇقۇق سانجىق پەيدا قىلغان ۋە يىغلاۋاتقان بوۋاقنى بوۋاق ھارۋىسىدا ئايلاندۇرۇپ ئۇخلىتىشمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.

• بوۋاق ھارۋىسى بىلەن ئايلاندۇرۇش،

• ئېمىزگە ئىشلىتىش،

• ئانا نامزاتىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە داۋاملاشتۇرغىنىدەك قىسقا مۇساپىلىك مېڭىپ بېرىشمۇ بوۋاقنىڭ تىنىچلىنىپ، ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بوۋاقتىكى يەل مەسىلىسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك دورا يوق.

بوۋاقنى قۇچىقىدا كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ كەچ سائەت 19:00 ئەتراپىدا دائىم يۇيۇندۇرۇش، قورسىقىغا ئىسسىق ھۆل لۆڭگە قويۇش، پۇتىنى ئىسسىق تۇتۇش ۋە ئۇۋۇلاش بوۋاقنىڭ يىغلاش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.

چۇقۇق سانجىق پەيدا قىلغان بوۋاقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بالىسىنىڭ ياخشى يېتىلىۋاتقانلىقى، بالىسىدا ساغلاملىق مەسىلىسى يوقلۇقى، بۇنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۈچ ئايغىچە داۋاملىشىدىغان ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

بوۋاقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى پىسخىكا جەھەتتىن قوللاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى، ئاتا-ئانىلارغا بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇشتۇر. چۇقۇق بوۋاقتا سانجىق پەيدا قىلغان مەزگىلدە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بوۋاقنى تىنچلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر