كاشتان

بىلىۋېلىڭ (43)

2007078
كاشتان

كاشتان

كاشتاننىڭ ئانادولۇغا خاس بىر خىل مېۋە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئانادولۇ كاشتاننىڭ ئانا ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا كاشتاننىڭ ئون ئالتە تۈرى بار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا بويىچە ئەڭ سورتلۇق كاشتاننىڭ ئانا يۇرتى ۋە تارقىتىش مەركىزى ئانادولۇدۇر.

 ھەر خىل مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيا تارىخىدىكى كاشتان يېتىشتۈرۈش بۇنىڭدىن 6000 يىل بۇرۇن باشلانغان. تارىخىي مەنبەلەردە كاشتان مەدەنىيىتىنىڭ ئانادولۇدا باشلىنىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5  - ئەسرىدە گىرېتسىيەگە، بۇ يەردىن ئىتالىيەگە تارقالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

كاشتان تارىختا تۇنجى قېتىم لىديا مەدەنىيىتىدە كۆزگە    چېلىقىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ مېۋە ئۇزۇن ۋاقىت «لىديا ئالمىسى» دەپ ئاتالغان. ئاشۇ دەۋرلەردە ئەڭ سۈپەتلىك كاشتانلار لىديا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان، بۈگۈنكى كۈندىكى مانىسا ۋىلايىتىنىڭ سالىھلى ناھىيەسى چېگرالىرىنىڭ ئىچىدە قالغان رايوندا يېتىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ تەركىبىدىكى يۇقىرى كراخمال نىسبىتى بىلەن بۇغدايغا ئوخشاشلا مۇھىم ئۇزۇقلۇق مەنبەسى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بولۇپمۇ غەربىي ئانادولۇدىكى قەدىمكى گىرېتسىيە مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولغانىدى.

 گىرېتسىيەلىكلەر ئانادولۇ كاشتانىنى بۈگۈنكى كۈندىكى گىرېتسىيەدە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشتى. دەرۋەقە ئۇزۇن يىللار تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، تېساليا يېرىم ئارىلىنىڭ كاستانيە رايونىدا كاشتان يېتىشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇنداق قىلىپ، كاشتان ياۋروپا سەپىرىنى باشلىدى.

گىرېتسىيەلىكلەردىن كېيىن، رىملىقلار كاشتاننىڭ ئۇرۇقىنى كاستانىيە رايونىدىن ئالغانلىقى ئۈچۈن، تاكى شۇ ۋاقىتقا قەدەر «لىديا ئالمىسى» دەپ ئاتالغان بۇ مېۋىگە «كاستانىيە» دەپ ئىسىم قويدى.

كاشتان رىم، ۋېزانتىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى سارايلىرىنىڭ ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. كاشتان پولۇسى بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم تۈرك تائاملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان دەۋرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىسىدا كاشتانلىق بۇلغۇر پولۇسى ئېتىلەتتى.

كاشتان خاسىڭ، يەر ياڭىقى ۋە ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن بىرى. بۈگۈنكى كۈندە كاشتان ئۇنىدىن ياسىلىدىغان نان پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

كاشتاننىڭ تەركىبىدە ھەم كىراخمال ھەم مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مولدۇر. كاشتاننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ، ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن B دىن باشقا، فوسفور، ماگنىي ، گۈڭگۈرت ۋە كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

كاشتان تەركىبىدىكى شىپالىق ماددىلىرى مول مېۋە بولۇپلا قالماي،  يەنە چىداملىق ياغاچلىرى سەۋەبىدىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دەرەخ تۈرلىرىدىن بىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر