بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كېتىش ۋە تەن سالامەتلىكىمىز

شىپا بۇلىقى (42)

2003790
بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كېتىش ۋە تەن سالامەتلىكىمىز

بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كېتىش ۋە تەن سالامەتلىكىمىز

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بىز بىلمىسەكمۇ سالامەتلىككە تەھدىت سالىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۈملىدىن يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن تارتىپ دىيابېتقىچە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر ئۇزۇقلۇق بىلەن بىرلىكتە قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيە ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئېرىتىلمىسە، ياغ توقۇلمىسى سۈپىتىدە يىغىلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنىڭ زىيىنى

بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى/ سېمىزلىكنىڭ زىيىنى تۆۋەندىكىچە:

  • ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كەمچىللىكى،
  • بوغۇم بولۇپمۇ  تىز ئاغرىقلىرى،
  • يانپاش ئاغرىقى،
  • ئومۇرتقا ئاغرىقى،
  • بەل ئاغرىقى،
  • داۋاملىق ھارغىن، چارچاش ھالىتىدە تۇرۇش،
  • ئازغىنە يول ماڭغان ياكى ھەرىكەت قىلغاندا دەم سىقىلىش، ھاسىراش،
  • پەلەمپەيدىن چىقىش تەسلىشىش،
  • يۈگۈرەلمەسلىك ،
  • تېز مېڭىش قىيىنلىشىش،
  • ھەددىدىن زىيادە چوڭ كىيىملەرنى كىيىش،
  • ياش بولسىمۇ يېشىدىن چوڭ كۆرۈنۈش.

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن:

• ھەرىكەتسزلىك ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېرىتىش ئىقتىدارىدىن ئارتۇق كالورىيە ئىستېمال قىلىش،

  • ئىرسىيەت خاھىشى،

·  ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلى،

·بېسىم

  • ھورمون قالايمىقانلىشىش (ئۆسۈش ھورمۇنى، قالقانسىمان بەز، مېڭە ئاستى بېزى ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى مەسىلىلىرى)،

• ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر.

 

سەمرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسىڭىز بولىدۇ:

• كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېمەسلىك،

• ھەرىكەتلىك بولۇش ۋە چېنىقىش،

• تەييار يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش،

· كاربون سۇ بىرىكمىسى ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق.

ئۇخلاش ئادىتى

بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى قوزغاتقۇچى ئەڭ چوڭ ئامىللاردىن بىرى شەك - شۈبھىسىز ھالدا تەرتىپسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇخلاش ئادىتىدۇر. قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6-8 سائەت ساغلام ئۇخلاشقا ئېھتىياجى بار. بەدەننىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئۆزىنى يېڭىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ئۇيقۇ يېتەرلىك ياكى ساغلام بولمىغاندا، مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەنلەپ، سەمرىپ كېتىش مايىللىقى پەيدا بولىدۇ.

ساغلام ۋە تەڭپۇڭ ئۇزۇقلىنىڭ

ساغلام ۋە تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشنى خالايدىغان كىشىلەر كۈنىگە 2-3 قېتىم سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، 7-8 قېتىم كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە، 1-2 پارچە ناندىن سىرت يەنە، كۈنىگە 1-2 قېتىم دانلىق زىرائەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنى، 2-3 قېتىم گۆش، توخۇ ياكى بېلىق، ھەپتىدە 2-3 كۈن پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، 2-3 كۈن بېلىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق  ساغلام ۋە تەڭپۇڭ ئوزۇقلانسا بولىدۇ.

جىسمانىي ھەرىكەت سەۋىيەڭىزنى ئۆستۈرۈڭ

ئوزۇقلىنىشتىن باشقا، تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە بەدەن شەكلىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى بەدەن چېنىقتۇرۇشتۇر. گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى، سۇ ئۈزۈش، پىيادە مېڭىش ياكى ئۆيدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان ئاددىي مەشىقلەرنى بۇ مەقسەتتە تاللاشقا بولىدۇ. ھەم ساغلاملىقنى قوغداش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش جەھەتتە ھەپتىدە كەم دېگەندە 2-3 كۈن چېنىقىش ۋە بۇنى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.

تالا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاڭ

تالا ماددىسى ئەڭ يۇقىرى يېمەكلىكلەر يېڭى مېۋە – چىۋىلەر، كۆكتاتلار، دانلىق مەھسۇلاتلار ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنى ئۇزۇقلىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بەدەننىڭ تالا تەلىپىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولىدۇ.

ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇڭ

ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېتەرلىك مىقداردا كۆكتات، مېۋە-چېۋە، كۈنىگە بىر قاچا مايلىق ئۇرۇقلارنى ئىستېمال قىلىشقا، كالتسىي مەنبەسى بولغان سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ

مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، ئورۇقلاشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان پايدىلىق باكتېرىيەلەر ئەڭ كۆپ يېمەكلىكلەر قېتىق، ئايران (دوغاپ)، كېفىر، پىشلاق ۋە چىلىغان كۆكتات قاتارلىق ئۇزۇقلۇقلاردۇر. شۇ ۋەجىدىن، بۇ يېمەكلىكلەر چوقۇم ئوزۇقلىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

سۇنى كۆپ ئىچىڭ

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى كەم دېگەندە 2-2.5 لىتىر سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مېۋە شەربىتى، چاي ۋە ئايران قاتارلىق سۇيۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

ساغلام ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاللاڭ

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرى بولغان زىيانلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا، خام ئورمان ياڭىقى، بادام، ياڭاق، قۇرۇق يەل - يېمىش، يېڭى ۋە قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر، نوقۇتتىن ياسالغان لەبلەبى قاتارلىق ساغلام ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ھەم ئۇزۇقلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى ھەمدە كېرەكسىز ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 تېز ئورۇقلاشقا ئۇرۇنماڭ

ئورۇقلاشنى خالايدىغان كىشىلەر سەۋرچان ۋە ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك، پەقەت ئورۇقلاشنىلا ئەمەس، ساغلام ئۇسۇلدا ئورۇقلاشنىمۇ نىشان قىلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر