سەل قارىلىۋاتقان يۇقۇم – دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى

كۆزنەك (43)

2001739
سەل قارىلىۋاتقان يۇقۇم – دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى

سەل قارىلىۋاتقان يۇقۇم – دېگىتال دېۋەڭلىك كېسىلى

دىجىتال كۈندىلىك ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا. گېرمانىيە نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى بۇ ئەھۋالنى «دىگىتال دېۋەڭلىك كېسىلى» دەپ ئاتىماقتا. ئۇنداقتا، دىگىتال دېۋەڭلىك كېسىلى كىملەرگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە؟

يېقىنقى يىللاردا دىجىتال دۇنيا تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان بىر سىستېمىدا ياشاۋاتىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى قامداش ئۈچۈن تېخنولوگىيەنىڭ كۆرۈنەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىمىز.

بۇ ئەھۋال بىر قاتار تالاش – تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا. بۇ تالاش - تارتىشلاردىن بىرى «ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ بىلىش ئىقتىدارىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتامدۇ يوق» مەسىلىسىدۇر.

ئۇنداقتا، «دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى»، خەلق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇقۇمى بويىچە ئېيتقاندا «ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى»  دېگەن نېمە؟  

«دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى مۇشۇ ئەسىردە سەل قارىلىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەلدۇر»

ئۈسكۈدار ئۇنىۋېرسىتىتى نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى جەلال شالچىنى دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلىنى «بۈگۈنكى كۈندىكى تارقىلىشچان يۇقۇم» دەپ ئاتاپ مۇنداق دەيدۇ: «بولۇپمۇ <كوۋىد – 19> يۇقۇمى بىزنى ئۆيلەردە نەزەبەد قىلىپ، تېخنولوگىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېقىندى بولۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەب بولدى. ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىراقتىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە ئىشلەش ئىمكانىيەتلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېقىندىن  بۇيان سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەگە بولغان بېقىندىلىقىمىزنى ھەيران قالارلىق شەكىلدە تېز سۈرئەتتە ئاشۇرماقتا، دىجىتال دېۋەڭلىك يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى تېزلەتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى مۇشۇ ئەسىردىكى سەل قارىلىۋاتقان يۇقۇمدۇر. ھالبۇكى بۇ يۇقۇم كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.»

«ھەممىمىز دىجىتال ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇق»

شالچىنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندىيالمايدىغان دەرىجىدە دىققىتىمىز چېچىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەممىمىز دىجىتال ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق.»

ئۇ دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى سېلىشتۇرۇشتۇرۇپ —  ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ تارىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ تەسىرلىرى بىلەن دىگىتال دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنتۇغاقلىق سپېكترىدىكى كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ ئالتسخېيمېر كېسىلى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلى بولسا چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان بالىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياش ۋاقتىدا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش دوختۇرلار ۋە پىسخولوگلارغا نىسبەتەن بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەندىشە مەنبەسىدۇر. ئىجتىمائىي يەكلىنىش، ھەرىكەتنىڭ كەملىكى، ئاچچىقلىنىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ قىسقا بولۇشى، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ كېچىكىشى قاتارلىقلار دىگىتال دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىدۇر.»

دىجىتال دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

سالچىنى بۇ ھەقتىكى تەكلىپلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

«كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخنولوگىيەنى ئاقىلانە ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش كېرەك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، باسما ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئوقۇغىنىنى چۈشىنىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن، ئەۋلادلارنى تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ ئورنىغا ژۇرنال، رەسىملىك رومان ۋە گېزىت قاتارلىق باسما ماتېرىياللارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.»

ئۆزگىرىش بىزدىن باشلىنىدۇ

چوڭ مېڭىنى ئاكتىپ ۋە ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن ئويۇن ئويناش ۋە چېنىقىش ئىنتايىن مۇھىم. شالچىنى چوڭ مېڭىمىزنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن قانداق ئويۇنلارنى ئويناش لازىملىقى ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «دالا تەنتەربىيەسى مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ۋە ئىنكاسنى ئاساس قىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ ئورنىغا، ھېچ بولمىغاندا، تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا يېتەكلەيدىغان شاھمات، تېپىشماق ۋە شەكىل قوراشتۇرۇش ئويۇنى قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، بالىلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئەينىكىدۇر —  بالىلار ئاڭلىغانلىرىغا ئەمەس، كۆرگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۆزگىرىش بىزدىن باشلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر