جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (41)

2001495
جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ناچار ئۇزۇقلىنىش ئادىتى، ھەرىكەتسىزلىك، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى، ھاراق ئىچىش، قالقانسىمان بېزىنىڭ ئاز ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش مەسىلىسى  بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.

جىگەردە يىغىلىپ قالغان ئارتۇق ياغ ​​جىگەر قېتىشىشتىن يۈرەك كېسەللىكىگە قەدەر نۇرغۇن ئېغىر كېسەللىكلەرگە زېمىن ھازىرلايدۇ.

· ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ

تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش، تېز تاماق، ئۇن مەھسۇلاتلىرى ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەر قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۈندە يېڭى كۆكتات، مېۋە – چىۋە، ئاق گۆش ۋە تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

بولۇپمۇ جىگەردىن زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز پەسىلدە تاتلىق زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. پىياز، يېسىۋىلەك ۋە بروكولىمۇ جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن بولسا، ٪10 ئورۇقلىشىڭىز جىگىرىڭىزگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاقدېڭىزلىقلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئادىتى بويىچە ساغلام مايلار، بېلىقلار ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ، گۆشنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىپ، قەنتلىك ئىچىملىكلەردىن ساقلىنىڭ.

كۆپ مىقداردا كۆكتات، كېپەكلىك، دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇرۇقلىرى قاتارلىق تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ.

•  ئومېگا-3 ياغ كىسلاتالىرى

زەيتۇن يېغىنى ئىشلىتىشكە، سالمون بېلىقى ۋە ساردىنا بېلىقى قاتارلىق ياغلىق بېلىقلارنى ھەپتىدە ئىككى- ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىشقا سەل قارىماڭ. خام ئورمان ياڭىقى، خام بادام، خام مېغىز ۋە خام دانلىق زىرائەتلەرنى ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىڭ. زۆرۈر بولغاندا ئومېگا-3 تولۇقلىمىسىنى سۇيۇقلۇق دورا شەكلىدە ئىچىش جىگەردىكى ياغ خولېستېرىننىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

· ھاراقتىن قەتئىي ساقلىنىڭ

ھاراق جىگەرگە ئەڭ كۆپ زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللاردىن بىرى. ھاراقنىڭ تەسىرىدە بەدەندە يىغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلار جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش ۋە ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جىگەر قېتىشىشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ، جانغا زامىن  بولىدىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھاراقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

• تەرتىپلىك چېنىقىش كېرەك

ھەر كۈنى كەم دېگەندە 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش ۋە چېنىقىش قان ئايلىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقى ۋە قورساق قىسمىدا يىغىلىپ قالغان ماينى ئازايتىدۇ.بۇ ئارقىلىق  جىگەردە يىغىلىپ قالغان ماينىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كۈندىلىك ھاياتتا تەرتىپلىك مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

• قەرەللىك ھالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

دىيابېت، قالقانسىمان بەزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقى ۋە يۇقىرى خولېستېرىن بىمارلىرىنىڭ ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ كېسەللىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

• كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىڭ

كوففېئىننىڭ جىگەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش رولىدىن ياكى جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشنى چەكلىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ.

• خوخا ئۆسۈملۈكى ئىستېمال قىلىڭ

خوخا ئۆسۈملۈكى بىلەن داۋالاش جىگەر كېسەللىكلىرىنى ئەنئەنىۋى شەكىلدە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. خوخا ئۆسۈملۈكى جىگەرنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئېنزىم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، خوخا ئۆسۈملۈكى جىگەر فېرمېنتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

(ئەسكەرتىش: ھەر قانداق تىپتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، تولۇقلىما دورىلارنى بىخەتەر ئىستېمال قىلىش ۋە سىز ئىچىۋاتقان دورىلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئىچكىنىڭىزدە ئەكس تەسىرىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدا چوقۇم دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.)

• ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E نى ئىستېمال قىلىڭ

ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن C نىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

· ھەددىدىن زىيادە شېكەر ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ

ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جىگەرنى غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ

زەھەرلىك ماددىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش (خىمىيەلىك دورىلاردا، بەزى دورىلاردا، ھەتتا يېمەكلىكىڭىزدە بولىدۇ) جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. زەھەرلىك ماددىلاردىن ساقلىنىشتىن باشقا، «زەھەرسىزلىنىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىستېمىڭىزدىن چىقىرىۋېتىشقا تىرىشىڭ.

• ئورگانىك ئالما سىركەسى

ئالما سىركەسى جىگەرنى ھەددىدىن زىيادە ماپ قاپلاپ كېتىشنى ئازايتىپ، ئورۇقلىتىدۇ. ئۇ يەنە جىگەرنى قوغداش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىلمان سۇغا بىر چاي قوشۇقى ئالما سىركەسى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىڭ.

• لىمون

يېرىم لىموننى بىر ئىستاكان سۇغا سىقىپ، كۈندە ئىككى قېتىم بىر نەچچە ھەپتە ئىچىڭ. چۈنكى لىمون جىگەردە يىغىلىپ قالغان ماينى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مايلىق جىگەر كېسەللىكلىرىنى تەبىئىي شەكىلدە داۋالاپ ساقايتىدۇ.

• يېشىل چاي

يېشىل چاي جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. شۇنداقلا بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمدە جىگەرنى ھەددىدىن زىيادە ماپ قاپلاپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ. كۈنىگە 2 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىڭ.

• زەرچىۋە

زەرچىۋە بەدەندىكى مايلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ جىگەرنى قاپلاپ كېتىشىنى توختىتىدۇ. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈتكە بىر چاي قوشۇقى زەرچىۋە قوشۇپ ئىچىڭ.

• پاپايا (كۈلى بېھىسى)

پاپايا جىگەر بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۇرۇقى ۋە تالاسى يېمەكلىك مايلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىگەرنى قاپلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پاپايانىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئىچىڭ. ياكى بىر پارچە پاپايا مېۋىسى ئىستېمال قىلىڭ.

• شېكەر قومۇشى شەربىتى

ھەر كۈنى شېكەر  قومۇشى شەربىتى ئىستېمال قىلىش جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ۋە تۈرلۈك جىگەر ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر