يېڭى دەۋردە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت پارامېتىرلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

2000370
يېڭى دەۋردە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت پارامېتىرلىرى

يېڭى دەۋردە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت پارامېتىرلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «يېڭى دەۋردە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت پارامېتىرلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەنئەنە بويىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجاندا ئېلىپ باردى. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باياناتلىرى تۈركىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تاشقى سىياسىتىگە دائىر مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەر ئىككى دۆلەت تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، رايون خاراكتېرلىك رىقابەت ۋە مەسىلىلەر نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. قىبرىس تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز سىياسىتىنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئەزەربەيجان بولسا، تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت. بولۇپمۇ قاراباغ غەلبىسىدىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇڭا، بۇ ھەر ئىككى قېتىملىق زىيارەتنى بويلىغان ھالدا يېڭى دەۋرنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر قانچە مۇھىم مەسىلىنى تەكىتلىمەكچىمەن.

يېڭى دەۋرنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەرپا قىلغان رەھبەرلىك دىپلوماتىيەسىدۇر. دۇنياۋى ۋە ئىنتايىن ئىجابىي تەسىرگە ئىگە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى دەۋردە دۇنياۋى مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ باشقا رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دۇنياۋى مۇھىم مەسىلىلەردە ئوينىغان دىپلوماتىك رولى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە دىققەتلەرنى تارتقان پوزىتسىيەلىرى رەھبەرلىكنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئەردوغاننىڭ بۇ رولىنى تېخىمۇ راھەت جارى قىلدۇرالىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قۇرۇپ چىققان ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە مەركەزلىك تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال تاشقى سىياسەتتە ئېشىۋاتقان كۈچى ۋە كېڭىيىۋاتقان تاشقى سىياسەت بىرىكىملىرى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئاپتونومىيە تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى تۈركىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە نىشانىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.

يەنە بىر ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش؛ يېڭى دەۋردە نورماللىشىش مەسىلىسىنىڭ دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ھالغا كېلىشى بولىدۇ. نورماللىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى جەريانلار شەكىللەندۈرىدۇ. سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مۇساپە ھاقان فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى بىلەن تېخىمۇ تېزلىتىلىشى مۇمكىن.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەنمۇ يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز. ئىران مەسىلىسىدە، ئەھۋال بىر ئاز پەرقلىق. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجاندىن قايتىشتا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىرانغا قاراتقان ئوچۇق تەنقىدلىرى، يېڭى دەۋردە ئەنقەرە بىلەن تېھران دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەلكى بۇ يېڭى دەۋردىكى رىقابەت ۋە توقۇنۇشنىڭ يۆنىلىشى ئەنقەرە بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ بىزگە ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئەزەربەيجان مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم تېما، نورماللىشىش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركەزگە ئېلىنىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تاشقى سىياسەتتە نورماللىشىش ۋە دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم. سودا دۆلىتىنى ئاساس قىلغان يېڭى تاشقى سىياسەت مۇساپىسى بۇ جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجاندىن قايتىشتا گىرېتسىيە ھەققىدە بەرگەن باياناتىمۇ بىزگە يېڭى دەۋردە ئافېنا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇمشاق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نورماللىشىش بىخەتەرلىكنى ئىككىنچى پىلانغا ئىتتىرىپ قويۇش دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى بىخەتەرلىك بىلەن تاشقى سىياسەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭ ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھاقان فىداننىڭ يېڭى رولى بۇ نۇقتىدا نامايان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بيۇروكرات ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇ تولۇق بىلىدىغان ھۆججەتلەر، تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم بىر جەريان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ تاشقى سىياسەتتە مۇھىم مەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپىمۇ يېڭى دەۋردە كەسكىن بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئەردوغاننىڭ ب د ت ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئافرىقا ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىشىنى ھەمدە ئەنقەرەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيور بولۇش ئىزدىنىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز. قىسقىسى، يېڭى دەۋرنىڭ تولىمۇ ھەرىكەتچان بولىدىغانلىقى ۋە تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى سۇنغانغا ئوخشاش خەتەرلەرنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر