تۈركىيەدىكى ئىككىنچى ئايلانما سايلام

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (39)

1991096
تۈركىيەدىكى ئىككىنچى ئايلانما سايلام

 

تۈركىيەدىكى تۈركىيەدىكى ئىككىنچى ئايلانما سايلام

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (39)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدىكى قايتىدىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سايلام» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە خەلقى 28-مايدا قايتىدىن بېلەت تاشلايدۇ. 14-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، جۇمھۇر ئىتتىپاقى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گەرچە %49.5 ئاۋازغا ئېرىشىپ زور ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، ئەمما%50 تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا سايلام ئىككىنچى ئايلانمىغا قالدى. كەمال قىلىچدارئوغلۇ بولسا، كۈتۈلگەن مۆلچەرلىرىنىڭ ئەكسىچە ئاران %44 ئاۋازغا ئېرىشتى. ئەمدىلىكتە تۈركىيە ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزۈشكە ئاتلاندى. بۇ جەريان تىنچ داۋاملاشماقتا. بۇ ئەھۋالنى تۈركىيە دېموكراتىيەسىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى دېيىشكە بولىدۇ.

14-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى نۇرغۇن ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۆكتىچىلەر تەرەپتە ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان خەلقئارالىق كۈچلەر چەمبىرەكىدە زور ئۈمىدلەر بارلىققا كەلگەن ۋە كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ بىرىنچى ئايلانمىدا جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا پارلامېنتنتىمۇ مىللەت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى داۋراڭ قىلىنغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر پىكىر بۇرمىلاش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنى بەزى راي سىناشلارمۇ قوللىماقتا ئىدى. ئەمما، ھەقىقەت ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. ئۆكتىچىلەر بىرىنچى ئايلانمىدا ئەردوغان ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقى ئالدىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئەردوغان بىرىنچى ئايلانمىدا قىلىچدارئوغلۇدىن 2 مىليون 500 مىڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى. جۇمھۇر ئىتتىپاقىمۇ پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. مىللەت ئىتتىپاقى ئاز سانلىققا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىرى سۈرگەن دەۋالىرىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئۇنداقتا، يۈز بەرگەن يۇقۇم ئاپىتى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق سەلىبىيلىكلەرگە قارىماستىن، نېمىشقا بۇنداق نەتىجە چىقتى؟

بىرىنچىدىن ئەردوغان بۇ بارلىق سەلىبىيلىكلەرگە قارىماستىن، قىلىچدارئوغلۇغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ بېرىدىغان رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېرىشتى. «تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى پەقەت ئەردوغانلا ھەل قىلالايدۇ، يەر تەۋرەش رايونىدىكى قۇرۇلۇش ۋە گۈللەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پەقەت ئەردوغانلا قىلالايدۇ» دېگەن قاراش ئېغىر سالماقنى ئىگەللىدى. يەنە كېلىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالتە پارتىيەدىن تەشكىل تاپقان بىر ئىتتىپاق بولغانلىقى، ئۆزئارا ماسلاشمىغانلىقىدەك كۆرۈنۈشى، ھەممىدىن مۇھىمى، قىلىچدارئوغلۇنىڭ پ ك ك نىڭ سىياسى قۇيرۇقى بولغان ھ د پ (يېشىل سول پارتىيە) بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى، سايلىغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ئاخىرىدا، ئەردوغان تۇنجى ئايلانمىدىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، قىلىچدارئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئەمدىلىكتە تۈركىيەدە 28-مايدا ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى.

قىلىچدارئوغلۇ 180 گرادۇسلۇق بۇرۇلۇش بىلەن مىللەتچى ۋە پاناھلانغۇچىلارغا قارشى تۇرغۇچىغا ئايلىنىپ رادىكال ئوڭچى ئۈمىد ئۆزداغ بىلەن ھەمكارلىق ئوتنىىتش ئارقىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقماقچى. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئاشقۇن ئوڭچى ئۈمىد ئۆزداغ بىلەن پ ك ك/ ھ د پ نىڭ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇر. بىرىنچى ئايلانما سايلامدا %5 ئاۋازغا ئېرىشىپ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان سىنان ئوغان بولسا، ئەردوغاننى قوللاشنى قارار قىلدى.

ئەردوغان مەۋجۇت سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قىلىچدارئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا يەنە، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق بولۇش ئۈستۈنلۈكى بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقماقچى. تۈركىيە خەلقى ئومۇمەن مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بولغاچقا، بۇ نۇقتىمۇ ئەردوغانغا نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك ئامىل ھېسابلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر