مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئاياللار بولۇشى كېرەك

كۆزنەك (39)

1990264
مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئاياللار بولۇشى كېرەك

مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئاياللار بولۇشى كېرەك

ئالەم بوشلۇقى دوكلاتى: مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئاياللار بولۇشى كېرەك

ئەلداۋا ئىلمىي ژۇرنىلى «Scientific Reports» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، مارسقا چىقىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللاردىن تەشىل تېپىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. چۈنكى، ئاياللار ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى تېخىمۇ ئاز ئىشلىتىدىكەن ھەمدە ئاياللارنىڭ ساق – سالامەت قايتىش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

مارسقا چىقىدىغان مۇۋاپىق كىشىلەرنى تېپىش ئاسانغا توختىمايدۇ. چۈنكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلەلمەسلىكتەك زور خەتەرگە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىغا، ئۇدا يەتتە ئاي بويىچە ئالەم كېمىسىدە ئولتۇرۇشى ۋە بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشىغا، ھەمدە ئالىي مەلۇماتلىق كەسپىي مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۇنجى قېتىم مارسقا سەپەر قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئاياللار بولۇشى كېرەك ئىكەن.

فىرانسىيە ئالەم بوشلۇقى فىزىئولوگىيەسى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدىن جوناھتان پ. سكوت باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللاردىن تەشكىل تېپىشىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تەتقىق قىلدى.

نېمە ئۈچۈن مارستا ئايال بولۇش ئەۋزەل؟

ئانالىزدا ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەريانىدىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى، ئېنېرگىيە ئومۇمىي چىقىمى، كاربون تۆت ئوكسىد ۋە ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرش، سۇ ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللار نۇقتىلىق ھالدا تەتقىق قىلىندى.

تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ بۇ ئۆلچەملەردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتى %30، ئوكسىگېن سەرپىياتى %60، كاربون تۆت ئوكسىد ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %60، سۇ ئېھتىياجى %17 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئايال ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۆلچەم جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىكەن.

مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن ھېسابلىغاندا، ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە ئوكسىگېن سەرپىيانى %41 ئاز بولىدىكەن.

مارسقا ئورنىتىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ياشاش مودېللىرى ئاياللار كۆزدە تۇتۇلۇپ ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىدا تېخىمۇ كىچىك بولىدىكەن.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللار بولۇشى ئەۋزەل ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، سكوت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مارسقا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللاردىن تەشكىل تېپىشىنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىغا دائىر بۇ تەتقىقاتى تۇنجى قېتىملىق تەتقىقاتمۇ ئەمەس. ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان.

1950-يىللاردا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) ئالاھىدە ھاياتلىق ئىلمى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىمۇ ئايال ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەس - مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

بۇ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ بەدىنى تېخىمۇ يېنىك بولۇپ، ئاياللاردا ئوكسىگېن ۋە كالورىيە سەرپىياتى تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن. ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىلرەك بولغاچقا، ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى تېخىمۇ كۆپ تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاز ئىكەن. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن. دەرۋەقە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدانلىرى بەدەن سىرتىدا بولغاچقا رادىيوئاكتىپلىق مۇھىت ئۈچۈن ياخشى ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر