كوسموگرافىيە

بىلىۋېلىڭ (37)

1989720
كوسموگرافىيە

كوسموگرافىيە

ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئاسترونومىيە كىتابىنى يازدۇرغانلىقىنى ۋە ئاي شارىدىكى بىر ئويمانلىققا ئاتاتۈركنىڭ ئىسمى قويۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقاندا، تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر كۈرەش باسقۇچى باشلانغانىدى. تۈركىيە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتاتتى. بۇ دائىرىدە، ئوقۇغۇچىلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، زامانىۋى دۆلەتنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەۋاتاتتى.

بۇ دەۋردە كىشىلەر ئاسترونومىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئاتاتۈرك ئىلىم-پەنگە يۈزلەنگەن، ئالغا ئىنتىلىشچان بىر دۆلەت ئەربابى ئىدى. شۇڭا ئۇ سوربوننې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاۋىياتسىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇغان پىروفېسسور دوكتور ئەلى ياردىن ئاسترونومىيە كىتابى يېزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ ئاسترونومىيە كىتابى يازدۇرغانلىقى ھەققىدە بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مىسال يوق.

پىروفېسسور دوكتور ئەلى يارنىڭ بۇ كىتابى پۈتكۈل دۇنيا زور ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان 1929-يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا مەجبۇرى دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇتۇشقا باشلىنىدۇ.

 بۇ كىتابتا پەسىللەرنىڭ شەكىللىنىشىدىن تارتىپ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشىگىچە، ئارىستوتېلدىن تارتىپ كوپېرنىك ۋە گالىلېيغىچە بولغان بارلىق مۇھىم ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى، قۇياش سىستېمىسىدىن تارتىپ سامان يولى خەرىتىسىگىچە بولغان ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنداقلا ئاي شارى خەرىتىلىرى، سەييارىلەر، يۇلتۇزلار توپى، تېلېسكوپلار، ھەتتا ئاي شارىدىكى بىر ئويمانلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ.

گاللېردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەنگىلىيەلىك ئالىم دوكتور ھاگ پېرسى ۋىلكىنس  ئاتاتۈرغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى يۈزىسىدىن،  1956-يىلى ئاي شارىدىكى چوڭ بىر ئويمانلىققا ئاتاتۈركنىڭ ئىسمىنى قويىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر