ئاتالمىش ئەرمەن مەسىلىسى

ئاتالمىش ئەرمەن مەسىلىسىدە، ئەرمەن دىياسپوراسى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلار...

1978723
ئاتالمىش ئەرمەن مەسىلىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1915-يىلى ئەرمەنلەر سۈرگۈن قىلىنغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ زېمىنى بولغان سۈرىيە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانلى دۆلىتىدىن تارتىۋېلىنماقچى بولغان ئىدى. بىراق، سۈرگۈن ۋە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلار بىلەن يەر ئالماشتۇرغان ئەرمەن ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەمدە جىنايىتى ئىسپاتلانغان تېررورىستلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ غەرب دۆلەتلىرىگە كۆچتى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە چېگراسىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر باشچىلىقىدا ئەرمەنى دىياسپوراسى دۇنياغا كەلدى. دىياسپورا ئىچىدە ئۇۋا تۇتقان كومىتاجى قۇرۇلمىلار، ئاشۇ يىللاردىلا تۇنجى ئۆرنەكلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئاتالمىش «ئەرمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تەتۈر تەشۋىقاتى پائالىيەتلىرىدە يېڭى دەۋرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.
بەزى غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەگە قارشى بۇ تۇنجى دىياسپورا قاچقۇنلىرىنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلەرگە خىلاپ تەتۈر تەشۋىقاتىنى، تۈركىيەگە قارشى خەلقئارالىق سەھنىلەردە دىپلوماتىك كوزىر سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن قوللىدى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سەۋر شەرتنامىسىنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىشىنى رەت قىلىپ مىللىي كۈرەشنى باشلىشى ۋە غەلىبە قىلىشى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنى بۆلۈشۈۋېلىش پىلانىنى بۇزۇپ تاشلىدى.  تۈركىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇستەقىل ۋەتەن چېگراسىنى ئۆزى سىزغان بىردىنبىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم، زورلۇق كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلالمىغان پىلانلارنى يۇمشاق كۈچ ۋە دىپلوماتىك بېسىم بىلەن ئىجرا قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا ئىدى.
ئاشۇ يىللاردا ئەرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سادىر قىلىۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ كومىتاچىلىق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرى ئېنىق ئىدى. بۇ ئەھۋال، جىنايى ئىشلار ئارخىپى ۋە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن ھۆججەتلەر بىلەن بىلىنىدىغان تارىخىي پاكىتلار ئىدى.
دىياسپورا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى سەۋر شەرتنامىسىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ئورنىغا لوزان كېلىشىمى ئارقىلىق ئۆزىنى خەلقئارالىق جەمئىيەتكە ئېتىراپ قىلغۇزغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى دىپلوماتىك قىسماققا ئېلىپ سەۋر شەرتنامىسىنىڭ ماددىلىرىنى جانلىق تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. مەسىلەن، لوزاندىن 13 كۈن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئامېرىكا-تۈركىيە لوزان كېلىشىمىنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەستىقلىغان ئىدى. تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ تەخمىنەن تۆت يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشىدە، سابىق ئوسمانلى پۇقراسى بولغان بىر ئەرمەن ۋاھان كارداشيان باشچىلىق قىلغان لوبى گۇرۇپپىسىنىڭ، كېلىشىمنى تەستىقلاشقا قارشى نامايىشلارنى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر خىل لوبى ھەرىكەتلىرىنى قىلىشى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان ئىدى.
ئەرمېنىيە بولشېۋىكلارغا قاراشلىق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ، دىياسپورادىكى ئەرمەنلەر «بۈيۈك ئەرمېنىيە» خىيالى بىلەن فاشىستىك مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجانغا قارشى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، دىياسپورا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە دەككىسىنى يەپ، شۇم پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
جۇمھۇرىيەتنىڭ يېقىنقى يىللىرىدا ئەرمەن دىياسپوراسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  بۇ بولسىمۇ «ئىنتېرنېت ۋە دىجىتال مۇنبەرلەر ئارقىلىق مەدەنىيەتتە، سەنئەتتە، بىلىمدە ۋە دىپلوماتىيەدە تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش <ئىرقىي قىرغىنچىلىق سانائىتى>.»
تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايوندىكى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى، ئەرمەن دىياسپوراسىنىڭ دەۋالىرى ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىنى ئاجىزلاتتى. 1960-يىللاردا تۈركىيە سوغۇق ئۇرۇش قۇتۇپلىشىشىدىن باشقا، قىبرىس مەسىلىسى بىلەنمۇ ھەپىلىشىۋاتاتتى. قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىنغان 1974-يىلدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەرمەن تېررولۇق تەشكىلاتى ئاسالا (ASALA)، تۈركىيە دىپلوماتلىرى ۋە پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەرمەن تېررورلۇقىنىڭ يېڭى دەۋرىدە ئاكتىيورىغا ئايلانغان ئىدى.
دىياسپورا بىلەن ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سانائىتى»، تۈركىيە بىلەن مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشقان ھەر خىل سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە لوبىلار بىلەن ھەمكارلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسى يوق دەۋالىرىنى تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتلەر بىلەن بېزىگەن ئىدى.
دىياسپورا كومىتاچىلىرى تۈركىيەنىڭ غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاقتىدىن تارتىپ بۇ ئاتالمىش «مەسىلە» بولغان تەتۈر تەشۋىقاتقا بەرگەن جاۋابىنى كۆرمەسكە سېلىپ، تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىگە جاۋاب سۈپىتىدە مەسىلىنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللاپ، ئەرمەن مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇش ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى كوزىر قىلىپ پايدىلىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى.
غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىل ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلايدۇ:
«شەك-شۈبھىسىزكى، ئەرمېنىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى توغرىسىدىكى سۆزلەر ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، جەنۇبتىكى رايونلاردا، چەت ئەل كۈچلىرى تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان ئەرمەنلەر باشقىلارنىڭ قوغدىشىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۆزلىرى تۇرغان جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.  ئۇلار ئۆچ ئېلىش ئويى بىلەن ھەممە يەردە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. ماراشتىكى پاجىئە مانا بۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن ئىدى. ئەرمەنلەر چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، زەمبىرەك ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ماراشقا ئوخشاش قەدىمكىي مۇسۇلمان بىر شەھەرنى ۋەيران قىلغان ئىدى. چارەسىز ۋە بىگۇناھ مىڭلارچە كىچىك بالىلار، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەھشىيلىكنى قىلغانلار  ئەرمەنلەر ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ نومۇسىنى ۋە جانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەھشىيلىككە قارشى چىقىپ قوزغالغان ئىدى. 20 كۈن داۋاملاشقان ماراش قەتلىئامىدا، مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئامېرىكالىقلارنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتكەن تېلېگرامماسى، پاجىئەنى پەيدا قىلغانلار تىنىۋالالمايدىغان  ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.»
غازى مۇستاپا كامال ئاتۈتۈرك، نۇتۇق، 1927-يىل.
«تۈركلەرنىڭ ئەرمەنلەرگە قارشى قەتلىئامى (تۈركلەرنىڭ  قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋالىرى) توقۇلما رىۋايەتلەر ۋە بۇرۇن تارقالغان بىر قاتار يالغان تۆھمەتلەردىن ئىبارەت. بۇلار ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. بىز بۇ ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىتەرەپ، شۇنداقلا تولۇق مۇستەقىل كومىتېتلارنىڭ مەملىكىتىمىزدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. »
غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر