بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

شىپا بۇلىقى (30)

1969716
بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىشقا ۋە ساقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

· كۈندە 3 لىتىر سۇ ئىچىڭ

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 3 لىتىرلىق سۇلۇق يېمەك – ئىچمەنلەرنى ئىستېمال قىلىش، بىر يېرىم لىتىر سۇ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. سۈيدۈكنىڭ سۇلۇق ياكى رەڭگى سۇس سېرىق بولۇشى سۇ ئىچىشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

كۈندە 10-12 ئىستاكان سۇ ئىچىش (ئاز دېگەندە 6 ئىستاكان سۇ بولۇشى كېرەك)؛ سۈيدۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بۆرەكتە تاشقا ئايلانماي سۈيدۈكتە ئېرىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بەدىنىڭىزنى سۇسىز قالدۇرىدىغان ھەر خىل يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەردىن (ھاراق، ھەددىدىن زىيادە ھەر كۈنى 5-6 ئىستاكاندىن ئارتۇق كۆپ چاي، قەھۋە ئىچىش قاتارلىقلاردىن) يىراق تۇرۇڭ.

· تۇز ئىستېمال قىلىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇڭ

تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى كۆپىيىدۇ. چۈنكى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەكلەر كالتسىينى سۈيدۈككە تېخىمۇ كۆپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي بولغان تۇزلۇق قۇرۇق يېمىشلەر،  پىززا، ھامبۇرگېر قاتارلىق تېز تاماق مەھسۇلاتلىرى،  مىنېرال سۇ ۋە سودا ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان بالىلاردا بۆرەككە تاش چۈشۈش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

ئېرسىيەت خاراكتېرلىك  بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇشقا مايىل كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇز ئىستېمالى 3-5 گىرام (تەخمىنەن بىر چاي قوشۇقى) بولۇشى كېرەك. كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشتا كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە نانلاردا تۇز بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. شۇڭا كۆكتات قورۇمىلىرىنى ئارتۇق تۇز قوشۇلمىغان ئەھۋالدا تەييارلاش كېرەك.

· تاماكا چېكىشتىن يىراق تۇرۇڭ

تاماكا چېكىشمۇ بۆرەكنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تاماكا چەككۈچىلەر ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

· ۋىتامىن C تولۇقلىمىسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك

ۋىتامىن C نى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك (دوۋساق) نىڭ ئوكسالات ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كۈندىلىك قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 1000 مىللگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

· تاش شەكىللىنىشنى تېزلىتىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئازايتىڭ

بۆرەك تاشلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تاش تۈرلىرى ئىچىدە كالتسىي ئوكسالات تېشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۆرەكتە تاش شەكىللىنىش جەھەتتە ئەڭ خەتەرلىك ماددىلاردىن بىرى ئوكسالاتتۇر. شۇ ۋەجىدىن، كۈندىلىك ئۇزۇقلۇقلاردىن ئوكسالات مول بولغان يېمەكلىكلەرنى چىقىرىۋېتىش زۆرۈر. بۆرىكىدە تاش بار بىمارلار تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئىمكانقەدەر ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛

ئىچىملىكلەر: چاي، قەھۋە ۋە ھاراق...

كۆكتاتلار: پالەك، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا، قىزىلچا، ئوكرا، كۆممىقوناق، يېشىل پۇرچاق، بەرەڭگە، پەمىدۇر، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ياۋروپا كەرەپشىسى، ئارپىبەدىيان، تۈگمىگۈل، ئارگۇلا، سۇ قىچىسى...

مېۋە – چېۋىلەر: ئەنجۈر، مالىنا، قىزىل ئالۇچا، بۆلجۈرگەن، قارا بۆلجۈرگەن، كىشمىش

قۇرۇق يېمىشلەر: ياڭاق، ئورمان ياڭىقى، بادام، خاسىڭ...

باشقا يېمەكلىكلەر: كۈنجۈت، شاكىلات، كاكائو، قىچا، پۇرچاق، ماروژنى...

ئەگەر تەركىبىدە ئوكسالات بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسىڭىز، كالتسىي مول بولغان قېتىق / ئىرىمچىك قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىڭ. بۇ ئوكسالاتنىڭ بۆرەككە يەتمەي تۇرۇپ، پۈتۈن ھەزىم قىلىشتىكى كالتسىيغا باغلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىستېمال قىلىنغان ۋاقىتلاردا بولسا يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم.

· تالا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ

كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەر كۆپ خىل بولۇشى كېرەك. بىر تال ئوزۇقلۇقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تالا مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى تالا تەركىبى كەم يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەتمۇ تاش پەيدا بولۇشنى تېزلىتىدۇ. تالا مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە- چېۋە ۋە قۇرۇتۇلغان پۇرچاق تۈرىدىكىلەر قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تالالىق يېمەكلىكلەر ئۈچەي ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆتۈش جەريانىنى قىسقارتىدۇ، جۈملىدىن ئوكسالاتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ.

· ھايۋانات ئاقسىلىنى ئازايتىڭ

تەركىبىدە يۇقىرى مىقداردا ئوكسالات ۋە كالتسىي بار گۆش، بېلىق، توخۇ ۋە تۇخۇم قاتارلىق ئاقسىللىق ھايۋانات يېمەكلىكلىرى بەدەندە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئوزۇقلۇقلارنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا بەدەندە بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىترات ئازىيىپ كېتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشلەردە زور مىقداردا تۇز بولىدۇ. بولۇپمۇ سۈيدۈك كىسلاتاسى تېشىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇنداق گۆشلەرنى دائىم ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ھايۋانات ئاقسىلى مەنبەسىنىڭ ئورنىغا، بىر مەزگىل قېتىق، قۇرۇق پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە  ئاقسىل ئىستېمال قىلىش لازىم.

سۈيدۈك كىسلاتاسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تاشنىڭ شەكىللىنىشىنى قوللايدىغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەردىنمۇ ساقلىنىش كېرەك.

· كۈندە بىر قاچا قېتىق ئىستېمال قىلىڭ

كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈت ۋە قېتىق ئىستېمال قىلىش تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاياللار ھەر كۈنى بىر قاچا قېتىق ياكى بىر ئىستاكان سۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيز مەزگىلىدە تەرەققىي قىلىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن D ۋە ۋىتامىن C نى ئېھتىياجقا قاراپ قوبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ خىل ۋىتامىنلارنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىمۇ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

• سىترىس مېۋىلىرىنى ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك

سىترىس مېۋىلىرى تاشنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۆز پەسىلدە ئاپېلسىن، لىمون ۋە لىمون سۈيىنى تولۇق ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ.

لىموندىكى سىترات ماددىسى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سۈيدۈكنىڭ كىسلاتاسىنى يوقىتىدىغان سىترات ماددىسى بار لىمون ۋە ئاپېلسىن ئائىلىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. چاي ۋە شورپا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە لىمون قوشۇش، دائىم لىمون سۈيى ئىچىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر