خاتاي

بىلىۋېلىڭ (26)

1955474
خاتاي

خاتاي

6 –فېۋرال كۈنىتۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان خاتاي شەھىرىنىڭ ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئانادولۇدكى ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان خاتاينىڭ كۈندىلىك ھاياتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 100 مىڭىنچى يىللارغىچە سوزۇلىدۇ. خاتاي رايونىنى جەزبىدارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرغان ئامىل بولسا خاتاينىڭ ھاۋاسىنىڭ مۆتىدىل، تۇپرىقىنىڭ مۇنبەت بولۇشىدۇر. خاتاينىڭ تارىختىكى ھەر بىر دەۋىردە يەرلىشىشكە ماس كېلىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئانادولۇنى چۇقۇروۋا يولى ئارقىلىق سۈرىيە-پەلەستىنگە تۇتاشتۇرىدىغان يوللارنىڭ ئۆتۈش ئېغىزىغا جايلىشىشىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، مىسوپوتامىيەدىن ئاقدېڭىزغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق پورتلارمۇ مۇشۇ رايونغا جايلاشقان.

دىن ۋە مەدەنىيەت قېرىنداشلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار ياشىغان 23 ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە خاتايدا ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مەنسۇپلىرى مازارلاردا يانمۇ-يان ياتماقتا. بۇ شەھەردىكى ساينت پىئېر چېركاۋى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار تۇنجى قېتىم خىرىستىيان دەپ ئاتىغان جاي بولۇپ، پاپا VI پائۇل تەرىپىدىن «ھەجگاھ» قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇ ۋەجىدىن، خاتاي خىرىستىيان دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 

رىملىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەھىرى، شەرقىي پايتەختى بولغان، پات - پات ئىمپېراتورلارغا ساھىبخانىلىق قىلغان خاتاي تارىخىدا يۈز بەرگەن سان – ساناقسىز يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان شەھەرلەردىن بىرىدۇر. بولۇپمۇ 526-يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش تارىختىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

خاتاي تەبىئىي ئاپەتلەردىن باشقا تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئىشغالىيەتلەر نەتىجىسىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىغان. 526- ۋە 528-يىللىرى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا بەرپا قىلىنغان بۇ شەھەر ئەرەب ۋە غەرب مەنبەلىرىدە «سۇ شەھىرى» دەپ ئاتالغان.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھدجەتكى، خاتاي ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە سودا جەھەتتە ئىزچىل مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

2022 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خاتاي تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ 13 – شەھەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. ئەمما نامى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ شەھەر شەك – شۈبھىسىز ھالدا تۈركىيە خەلقىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق سېپىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر