تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشامدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

1935352
تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشامدۇ؟

تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشامدۇ؟

تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشامدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشامدۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

 سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 - يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر تۇنجى قېتىم ئەنقەرە دائىرىلىرى بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەت باشلانغان بىر دەۋرگە قەدەم قويدۇق. رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى بايانلار ۋە كۆرۈنەرلىك ئىجابىي ئۇچۇرلاردىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى موسكۋادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئەمدىلىكتە بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنڭغا رۇسىيە مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىماقتا. ئىران ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ جەريانغا قاتنىشىشقا تىرىشماقتا.

  2011 - يىلى ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىدە سۈرىيەدە باشلانغان نامايىشلار، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي كۈچلەرنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندى. ئىران، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغان بولسا، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىدى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قۇرۇلۇپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي قارشىلىق باشلاندى. لېكىن، سۈرىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشلار كېيىنچە ۋاكالەتلىك ئۇرۇشقا ئايلاندى. رۇسىيە بىلەن ئىران ئەسەد ھاكىمىيىتىنى زور دەرىجىدە قوللىدى. ئىراقتا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان دائېش سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كېڭىيىشكە باشلاپ، ئاساسلىقى ئۆكتىچىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى دائېشقا قارشى كۈرەشنى مەركەز قىلىپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە بولغان ياردىمىنى ئۈزدى. يالغۇز قالغان تۈركىيە بولسا، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنى باشلاش ئارقىلىق ئاستانا مۇساپىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئاستانا مۇساپىسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرا قويدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىچكى ئۇرۇشتا يۈز مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى. سۈرىيەنىڭ ئۇل- ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈست قۇرۇلمىلىرى ئاساسەن ۋەيران بولۇپ بىر خارابىلىككە ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەشنى سۈيىئىستېمال قىلىپ، پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان پ ي د/ ي پ گ ئارقىلىق فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى ۋە بۇ يەردە گويا بىر تېررورلۇق دۆلىتى قۇرماقچى بولدى. تۈركىيە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاتالمىش ​​دۆلەتچاقنىڭ بەلباغ شەكىللەندۇرۇپ، شەرقىي ئاقدېڭىزغا چۈشۈشىنى توسۇپ قالدى، ئەمما تەھدىت ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

مانا ئەمدىلىكتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە پاناھلانغۇچىلار تېمىلىق يېڭى بىر مۇزاكىرە جەريانى باشلانغاندەك قىلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىر پۇرسەت بېرىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەستىقلىدى. ئاندىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى موسكۋادا كۆرۈشتى. ھازىر بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئىران ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ بۇ جەريانغا قاتنىشىشقا تىرىشماقتا.

لېكىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا قېلىن توسۇقلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈشىمىز لازىم. تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تەلىپى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەش، پ ك ك غا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت باشلاش، ب د ت نىڭ قوللىشى بىلەن خەلقئارا مەبلەغ شەكىللەندۈرۈپ، ھەلەب قاتارلىق ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇش ۋە پاناھلانغۇچىلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى كاپالەتگە ئىگە قىلىش بولماقتا. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىشى، يېڭى ئاساسىي قانۇن بەرپا قىلىش ۋە ئۆكتىچىلەر بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھاكىمىيەت شەكىللىنىشى لازىم. ئەمما، ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كەلگەن ئىمالار بىزگە بۇ تەلەپلەرگە يۈزلىنىشنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مۇناسىۋەتلىك ئىرادىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئوخشاش، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىمۇ ئېغىر سوئال بەلگىسى پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىمۇ قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد پۈتۈنلەي توختاپ، خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن شەكىللەنگەن يېڭى گېئوپولىتىلىق (جۇغراپىيىلىك سىياسىي) تەڭپۇڭلۇقمۇ تۈركىيەنىڭ قولىنى كۈچلەندۈرمەكتە. بۇ نۇقتىدىن، ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەر خىل يول قويۇشلارغا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيەدىكى سايلاملاردىن كېيىن، بۇ باسقۇچنىڭ يۆنىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدىغانلىقى ئېنىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر