ئاغرى تېغى

بىلىۋېلىڭ (18)

1930644
ئاغرى تېغى

ئاغرى تېغى

«ئاغرى تېغى» نىڭ ئانادولۇ يېرىم ئارىلى ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

«ئاغرى تېغى»، ھەم تۈركىيەدىكى ھەم ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ، ئېگىزلىكى 5137 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيا تاغقا چىققۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. شەرقىي ئانادولۇ يانار تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان «ئاغرى تېغى»، تۈركىيە، ئىران ۋە ئەرمېنىيە چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان. ۋولقانسىمان تاغ بولغان «ئاغرى تېغى» نىڭ ئىسمى ئىبرانىي ۋە غەرب تىللىرىدا «ئارارات تېغى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئايلانمىسى تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تاغنىڭ چوققىسى ھەر پەسىلدە چوڭ مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىدۇ. «تۈركىيەنىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان «ئاغرى تېغى»، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولغاچقا، چۆل ۋە شىمالىي قۇتۇپ ئىقلىملىرى بىرلا ۋاقىتتا ياشايدۇ. ماركو پولو «ھېچقاچان يامىشىپ چىققىلى بولمايدىغان تاغ» دەپ ئاتىغان بۇ ھەيۋەتلىك تاغقا، تۇنجى قېتىم، 1829-يىلى 9 – ئۆكتەبىر كۈنى، پىروفېسسور دوكتور فرېدېرىك ۋون پارات چىققان. تۈرك تاغقا چىققۇچىلار بولسا، تۇنجى قېتىم 1970-يىلى 21 – فېۋرال كۈنى، قىش پەسلىدە چىققان. جۈملىدىن، تۈركىيە تاغقا چىقىش فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن دوكتور بوزقۇرت ئەرگۆر چىققان. كېيىنكى يىللاردىمۇ قىش پەسلىدە تاغقا چىقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما قىش پەسلى نۇرغۇن تاغقا چىققۇچىلارنىڭ چوققىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولغان. «ئاغرى تېغى» غا چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، ئىيۇل، ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدۇر، قىش پەيسلىدە بولسا فېۋرالدۇر. «ئاغرى تېغى» غا يالغۇز چىقىش، ھەم ئادرېنالىننىڭ مەنبەسى، ھەمدە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك بارلىق تاغقا چىققۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى، دەپ قارىلىدۇ.

«ئاغرى تېغى»، ئېگىزلىكى، مۇزلۇقلىرى، ئىنسانلىرى ۋە رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلىرى بىلەن قىزىقارلىق ھەم جەلپ قىلارلىق مەنزىرە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بىر «تەبىئەت مۆجىزىسى» بولغاندىن باشقا، مۇقەددەس كىتابلاردا بايان قىلىنغان «توپان بالاسى» دىن كېيىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىگە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىغا ئىشىنىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ئەپسانىۋى كىملىككە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر