ئۇزۇن كۆۋرۈك

بىلىۋېلىڭ (17)

1927652
ئۇزۇن كۆۋرۈك

ئۇزۇن كۆۋرۈك

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈكنىڭ تۈركىيەگە جايلاشقانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەدىرنەدىكى «ئەرگەن دەرياسى» ئۈستىگە 15 – ئەسىردە سېلىنغان «ئۇزۇن كۆۋرۈك»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالتىنچى سۇلتانى ئىككىنچى سۇلتان مۇرات تەرىپىدىن 1427-1443-يىللىرى ئارىسىدا سالدۇرۇلغان «ئۇزۇن كۆۋرۈك»، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1270 مېتىردىن ئاشىدۇ.

      ھاك تېشى ۋە قۇرام تاشلاردىن ياسالغان بۇ ھەيۋەتلىك كۆۋرۈككە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى باغرىغان باسقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ سەنئەت ۋە ئېستېتىك ئېڭىنىڭ سىمۋولى بولغان نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە ئەگمە تاشلىرىغا كۈچ - قۇدرەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر قىسىم ھايۋانات رەسىملىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن. شىرنىڭ كەينىگە، ئايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايالنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر يۈزىگە بولسا،  كۈچ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىمۋولى بولغان پىلنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

ئابىدە خاراكتېرلىك سۇ قۇرۇلمىسى، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ تاللىنىشى، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئەگمە ئېغىزلىرىنىڭ بېكىتىلىشى، ئېگىزلىكنى ھېسابلاشتىكى ئىنژېنېرلىق بىلىملىرى سايىسىدا، ئۇزۇنلۇقىغا قارىماي، قاتتىق تەبىئىي شارائىتتا ئۇدا ئالتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر، كەڭلىكى تۆت يېرىم مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك تارىخىي بۈرجەك ۋە ئىككى بالكونغا ئىگە.

2015 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن «ئۇزۇن كۆۋرۈك» نىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، 2015 – يىلدىن بۇيان، ئۈستىدىن ئېغىر قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ   ئۆتۈشى چەكلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر