دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان 6 - دۆلەت

بىلىۋېلىڭ (13)

1915397
دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان 6 - دۆلەت

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان 6 - دۆلەت

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ 6-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە، 45 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچى سانى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

   تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن ھەيران قالارلىق تۈركىيەنى ھەر يىلى خىتايدىن رۇسىيەگىچە، گېرمانىيەدىن ئىرېلاندىيەگىچە، جەنۇبىي كورېيەدىن ياپونىيەگىچە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن مىليونلىغان كىشى زىيارەت قىلىدۇ. ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى بولغان،  ئىككى قىتئەگە جايلاشقان  دۇنيادىكى بىردىنبىر شەھەر ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل؛ ھاۋا رەڭلىك كۆركەم دېڭىزى، ئالتۇن قۇملىرى بىلەن قاپلانغان ساھىللىرى، تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئانتاليا ۋە مۇغلا؛  بىناكارلىق قۇرۇلمىسى ۋە تارىخى بىلەن ئەدىرنە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان 100 مۇھىم شەھەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

     تۈركىيەدە يازلىق ساياھەتتىن قىشلىق تەنھەرىكەتلەرگىچە، تەبىئەت، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، تەنتەربىيە، ساغلاملىق ۋە قۇرۇلتاي ساياھەتلىرىگىچە بولغان بارلىق ساياھەت ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسلىسىز تارىخ خەزىنىسى ھېسابلىنىدىغان، قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر بارلىققا كەلگەن ۋە ھۆكۈم سۈرگەن تۈركىيە، باغرىغا بېسىپ ياتقان مەدەنىيەت بايلىقى جەھەتتە دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» دە، تۈركىيەدىن 17 سىى مەدەنىيەت، 2 سى ئارىلاشما بولۇپ، جەمئىي 19 مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى» دە بولسا، تۈركىيەنىڭ 7سى مەدەنىيەت، 4 ى ئارىلاشما، 3 ى تەبىئىي بولۇپ، جەمئىي 84 مىراسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر