بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 - يىللىق خاتىرە كۈنى.

1904608
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى

 

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 - يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنى سۆيگۈ ۋە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز.

«چاناققەلئە ئۇرۇشى» مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» دىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يېڭىلىپ، دۆلەت تېرروتېرىيەسى غالىب دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشقا باشلىغان چاغدا، تۈركىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

بۇ  كۈرەشنىڭ زەپەر  بىلەن ئاخىرلىشىشى نەتىجىسىدە لوزاندا تۈزۈلگەن «تىنچلىق كېلىشىمى» گە ئاساسەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولدى، ئارقىدىن « ئاتاتۈرك» فامىلىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆزى قوزغىغان ئىنقىلابلار سايىسىدا زامانىۋى بىر  جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 - يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنى سۆيگۈ ۋە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر