بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (10)

1903172
بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار )

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

تەبىئىي ئۇزۇقلۇقلارنى يېتەرلىك ۋە تەرتىپلىك ئىستېمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بالىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى كېسەللىكلەرگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلالايسىز.

  • تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش

بالىلارنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ساغلام، تەڭپۇڭ ۋە تەرتىپلىك ئۇزۇقلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  • كېفىرنى مېۋە – چېۋىلەر بىلەن تەملىك قىلىڭ

كۈنىگە 1 چاي ئىستاكان تەبىئىي كېفىر ئىستېمال قىلدۇرۇش، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللايدۇ. بالىلار كېفىرنىڭ تەمىنى ياقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئازراق مېۋە ساپمىسى قوشۇپ تەملىك قىلالايسىز.

  • سالمون بېلىقى

ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسى مول ئۇزۇقلۇق بولۇپ، بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى قوللايدۇ، ھەمدە  بەدەننى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.

  • قىيام

قىياممۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ۋە قان ئازلىقنى ئازايتىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بىرى. بالىڭىزغا پەقەت قىيامنىلا بېرىشنىڭ ئورنىغا، تەركىبىدە ۋىتامىن C بار كىۋى بىلەن قوشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

  • كىۋى

باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەننى قوغداش سىستېمىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى شىپالىق مېۋىدۇر.

  • ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق

بولۇپمۇ تەركىبىدە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلانغاندا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن، بالىلىرىڭىزغا چوقۇم كۈندە بىر قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق ئىچۈرۈڭ. قېتىقنى تاماق بىلەن بىللە ياكى تاماقتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىچىگە مېۋە – چېۋىلەرنى توغراپ، ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئىچۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر بالىڭىز كالا سۈتىگە سەزگۈر بولسا، ئۆچكە سۈتىدىن ئۇيۇتۇلغان قېتىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  • بانان ۋە قېتىق

ھەر كۈنى 1 قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق ۋە 1 كىچىك باناننى ئارىلاشتۇرۇپ ياكى ئېزىپ بالىڭىزغا بېرىڭ. چۈنكى، ئەڭ مۇھىم شىپالىق يېمەكلىك قېتىق بولۇپ، شىپالىق مەنبەسى بولغان بانان بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلدۇرغاندا، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنى چوقۇم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  • زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋەلىك قېتىق

ھەر كۈنى 1 قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىققا 1 قوشۇق زەنجىۋىل ۋە 1 قوشۇق زەرچىۋە قوشۇپ، ھەم قېتىقنى ياقتۇرمايدىغان بالىلار ئۈچۈن بۇ ئۆزگىچە ئاقسىل مەنبەسىنى تېخىمۇ يېقىشلىق قىلالايسىز، ھەمدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان 2 تېتىتقۇ سايىسىدا بالىڭىزنىڭ قىش پەسلىنى تېخىمۇ ساغلام ھالەتتە ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز.

  • سامساق

سامساقنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننى كۈچەيتىدۇ. ئۇ بالىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز ئۈچۈن، بارلىق تاماقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سېھىرلىك تەركىب چوقۇم بولۇشى كېرەك.

تاماققا قوشۇلغان سامساقنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تامىقىڭىزغا سامساق قوشقاندا، ئۇنى مايدا قورۇماستىن، تاماقنىڭ سۈيىگە قوشسىڭىز، ئۇنىڭدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى شىپالىق رولىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سامساقنىڭ تاماق، سالات ۋە قېتىققا خام پېتى ئىلاۋە قىلىنىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم.

  • سۇلۇ

تالا ماددىسى بول بولغان سۇلۇ بىلەن سۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان بىر قاچا بانان ئىلاۋە قىلىپ، مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، بالىڭىزغا ناشتىدا ئىچۈرسىڭىز بولىدۇ.

  • بروككولى

تەركىبىدە ۋىتامىن C ، A ۋە E مول بولغان بروككولى پۈتۈنلەي ئوكسىدلىنىشقا قارشى شىپا مەنبەسىدۇر. چوربىڭىزغا ئىلاۋە قىلسىڭىز بولىدۇ.

  • يېسسىمۇق

كۈز ۋە قىش ئايلىرىدا مەيلى تامىقى ياكى چوربىسى بولسۇن، ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇش ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇ ئۆسۈملۈكسىمان ئاقسىل بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  • تۇخۇم

ئانا سۈتىدىن قالسا بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈرنىڭ ئىنتايىن ياخشى مەنبەسى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن A ، D ، E ۋە B12 مولدۇر. سۇدا پىشۇرۇپ، ياكى قورۇپ، ھەر كۈنى بالىڭىزغا ياقتۇرىدىغان شەكىلدە بەرسىڭىز بولىدۇ.

  • قۇرۇق مېۋە

تەركىبىدە ۋىتامىن E، سىنىك ۋە ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتالىرى مول ئۇزۇقلۇقلاردۇر. بالىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلىنىش سومسىكىسىغا خام خاسىڭ، ياڭاق، بادام ۋە كاۋا ئۇرۇقىنى سېلىپ، ئۇنى بۇ ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەندۈرەلەيسىز. بولۇپمۇ ئەتىگەندە ناشتىدا پەقەت تۆتتىن بىر ئىستاكان قۇرۇق مېۋە يېگۈزسىڭىز بولىدۇ.

  • تەرتىپلىك ئۇخلاش

تەرتىپلىك ئۇيقۇ، تەرتىپلىك ۋە ساغلام ئۇزۇقلىنىش، قولنى پات - پات سوپۇنلاپ يۇيۇش ۋە قەرەللىك ھالدا سىنىپ مۇھىتىنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەش، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئواينايدىغان چارە – تەدبىرلەردىن بىرىدۇر.

  • ئانا ھەرە شىرنىسى+ ھەسەل

ئانا ھەرە شىرنىسىنى 3 ياشتىن چوڭ بالىلارغا  ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن 1 چاي قوشۇقى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بىراق، 3 ياشتىن كىچىك، سەزگۈرلۈك ۋە زىققا كېسىلى بار بالىلارغا بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

  • چۆل رەيھىنى

ھەر كۈنى چاي شەكلىدە ئىچىش ھەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە كانايچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، چۆل رەيھىنى تەبىئىي يۆتەل شەربىتى ۋە زۇكام دۈشمىنىدۇر.

1 ئىستاكان سۇغا 2 ھەسەل قوشۇقى چۆل رەيھىنى سېلىپ، قاينىتىڭ. قاينىتىش جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، 1 ھەسەل قوشۇقى ھەسەل قوشۇپ، ھەر كۈنى بالىڭىزغا ئىچۈرۈڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر