ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق

ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.

1902282
ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق

ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لوقمان سۈرىسى، 11 - 18 - ئايەتلەر. مانا بۇلار ئاللاھنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر[11]. بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر»[12]. ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى[13]. ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر[14]. ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن[15]. (لوقمان ئېيتتى) «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[16]. ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[17]. كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[18].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر