نەمرۇت تېغى

بىلىۋېلىڭ (8)

1896860
نەمرۇت تېغى

نەمرۇت تېغى

شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدىكى «نەمرۇت تېغى» نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ھەم يانار تاغ، ھەم تەبىئىي ئابىدە، ھەمدە ئىنسان قولى بىلەن بەرپا قىلىنغان تارىخىي يادىكارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە «نەمرۇت تېغى»، 1987-يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىنىڭ داڭلىق «نەمرۇت تېغى»، ئادىيامان ۋىلايىتىنىڭ كاھتا ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىزلىكى 2150 مېتىر كېلىدىغان بۇ تاغقا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە كومماگېن پادىشاھلىقى تەرىپىدىن سىرلىق يوغان ھەيكەللەر ئورنىتىلغان. ئېگىزلىكى 10 مېتىرغا يېتىدىغان گىگانت ھەيكەللەر، بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمدارى ئانتىئوكھوس تېئوسنىڭ نامىدا تاغقا تىكلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە «نەمرۇت خارابىلىكلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ھەمدە ھەر يىلى مىڭلارچە ساياھەتچى «نەمرۇت تېغى» دا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

بۇ خارابىلىكلەر، 1881-يىلى بۇ رايوندا ۋەزىپى ئۆتىگەن ئىنژېنېر كارل سېستېر تەرىپىدىن بايقالغان. گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ئوتتو پانچتېين ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ئالىم ئوسمان ھەمدى بەي بۇ رايوندا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، رايوندا نۇرغۇن جەسەت ۋە ھۆججەتلەرنى تاپقان. يادىكارلىقلار ئارىسىدىكى گىرېك يېزىقىنىڭ ياردىمىدە ، رايون تارىخى ۋە ھەيكەللەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار قولغا كەلتۈرۈلگەن. تارىخقا شاھىت بولغان ۋە ئۆز دەۋردە ئېتىقاد قىلىنىدىغان ئىلاھلارنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ يوغان باش ھەيكەللەر، بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر بايراق ئاستىدا بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، دەپ قارىلىدۇ.

ھەيكەللەر سەۋەبىدىن «تەڭرىلەرنىڭ تېغى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «نەمرۇت تېغى» نىڭ چوققىسىدىكى بۇ يوغان ھەيكەللەرنىڭ قانداق ياسالغانلىقى ھازىرمۇ بىر سىردۇر. ئارخېئولوگلار، تاغ ئۈستىدىن تېپىلغان ھاك تاشلىرىنىڭ ئاشۇ يەردە شەكىللەنگەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. دۇنيادىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەرنىڭ  ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان «نەمرۇت تېغى» نى، كۈن پاتقاندا ، بولۇپمۇ كۈن چىققاندا كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر