ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

1895999
ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇم سۈرىسى، 50 - 60 - ئايەتلەر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[50]. ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ[51]. شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن[52]. كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر[53]. ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[54]. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى[55]. ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)»[56]. بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ[57]. شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا (قۇرئان ئايەتلىرىدىن) بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار (دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن) چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر»[58]. (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز[59]. (ئى مۇھەممەد!) (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىنىڭنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن[60].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر