بېلىقلىق كۆل

بىلىۋېلىڭ (7)

1893610
بېلىقلىق كۆل

بېلىقلىق كۆل

ئانادولۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شانلىئۇرفا رايونىنىڭ تارىخىغا ئوخشاشلا ئەپسانىلىرى بىلەنمۇ داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

     ھېكايىسى بىلەن، مەنزىرىسى بىلەن، ساپ ھاۋاسى بىلەن، شۇنداقلا، بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شانلىئۇرفا، تارىخى بىلەن قانداق داڭلىق بولسا، ئەپسانىلىرى بىلەنمۇ شۇنداق داڭلىق بىر شەھەردۇر. ھەممىلا يېرىدىن تارىخنىڭ بىر پارچىسىنى ئۇچراتقىىلى بولىدىغان بۇ شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق جايلارنىڭ بىرى «بېلىقلىق كۆل» دۇر. شانلىئۇرفانىڭ ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «بېلىقلىق كۆل» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 5 مېتىر كېلىدۇ. قاناللار ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى چوڭ كۆلچەكتىن تەشكىل تاپقان «بېلىقلىق كۆل»، ئەسلىدە  دەرياغا تۇتىشىدۇ ۋە شەھەرنى ئايلىنىدۇ. ئاندىن دۆلەت چېگرالىرىدىن ھالقىپ، سۈرىيەگە قاراپ داۋام قىلىدۇ. 6-ئەسىرگە قەدەر، بۇ يەردىكى ئېقىنلاردىن يىغىلغان سۇلار بۇ كۆلگە يىغىلغان. ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى، بۇ ئەھۋالغا چارە تېپىشلىرى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن نۇرغۇن ئىنژېنېرلارنى ئەۋەتكەن. يۈز بەرگۈسى باشقا كەلكۈن ئاپەتلىرىگە قارشى سېپىل سوقۇلغان ۋە سۇ يىغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قانال قېزىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىنغان.

«بېلىقلىق كۆل» نىڭ ئەپسانىلەرنىڭ تېمىسى بولغان بېلىقلىرى خەلق ئارىسىدا «مۇقەددەس» دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇ بېلىقلارنى يەيدىغانلارنىڭ كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كۆلدە بۇرۇتلۇق كارپ بېلىقىنىڭ بىر تۈرى بار بولۇپ، بۇ  زەھەرلىك بولغاچقا، يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىقتۇر. ئەپسانىگە ئاساسلانغاندا، «ئۈچ ساماۋى دىننىڭ ئاتىسى» دەپ قارىلىدىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشۇ يەردە ئوتقا تاشلانغان؛ دەل شۇ چاغدا بىر مۆجىزە ئىشقا ئېشىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چۈشكەن بۇ يەر كۆلگە، كۆيگەن ئوتۇنلار بولسا بېلىقلارغا ئايلانغان.«بېلىقلىق كۆل» ۋادىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان غارمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ رايون، بارلىق پەسىللەردە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دىنلاردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر