باسىلىكا قۇدۇقى

بىلىۋېلىڭ (6)

1890770
باسىلىكا قۇدۇقى

باسىلىكا قۇدۇقى

بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «باسىلىكا قۇدۇقى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

:::::

ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلمىلىرىدىن بىرىنىڭ «باسىلىكا قۇدۇقى» ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

            6-ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى بىرىنچى جاستىنىئانۇس تەرىپىدىن سارىيى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان «باسىلىكا قۇدۇقى»، ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ يېپىق قۇدۇق بولۇپ، سۇنىڭ ئىچىدىن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ۋە سان – ساناقسىزدەك كۆرۈنىدىغان مەرمەر تۈۋرۈكلىرى سەۋەبىدىن، خەلق ئارىسىدا «ئويمان ساراي»  دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلما، لاتىن تىلىدا «Cisterna Basilica» دەپ ئاتىلىدۇ.

سۇ ساقلاش سىغىمى 80 مىڭ توننا كېلىدىغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ يېپىق قۇدۇق بولغان «باسىلىكا قۇدۇقى» نىڭ يەر مەيدانى تەخمىنەن 1000 كىۋادرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور تىك تۆت بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنغان بۇ قۇدۇق، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق رېمونت قىلىنغان. 1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كەڭ دائىرىلىك رېمونت قىلىنغان.

تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك رېمونت قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق يېڭىلىنىپ، كېيىنكى ئەسىرلەرگە شاھىت بولۇش ئۈچۈن 2022-يىلى 22 – ئىيۇل كۈنى قايتا ئېچىلغان «باسىلىكا قۇدۇقى» مۇزېيىى داۋاملىق زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق رېمونت قىلىشتا مۇزېيغا ئۆزىگە خاس شەكىل قازاندۇرۇلغان. 5-ئەسىر ئۇستىلىرىنىڭ ماھارىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان خىشلىرى ۋە 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيۋەتلىك قۇدۇقى ساياھەتچىلەرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ۋە يەرلىك مېھمانلار زىيارەت قىلىدىغان «باسىلىكا قۇدۇقى»، كونسېرت ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىلىرىگىمۇ ساھىبخانىلىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر