ھەيۋەتلىك كوچا

بىلىۋېلىڭ - (5)

1887718
ھەيۋەتلىك كوچا

ھەيۋەتلىك كوچا

دۇنيادىكى «ئەڭ ھەيۋەتلىك» كوچىلاردىن بىرىنىڭ ئىستانبۇلدا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ساياھەت ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ژۇرناللاردىن بىرى، 2022  - يىلىنىڭ  ئەڭ ھەيۋەتلىك كوچىلىرىدىن بىرىنى ئېچىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، 20 مىڭدىن ئارتۇق خەلقئارالىق شەھەر ئاھالىسى ئىشتىراك قىلغان بىر راس سىناش ئېلىپ باردى.  دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك 33 كوچا ئېنىقلاپ چىقىلغان راي سىناشتا، ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش ناھىيەسىدىكى «سۇلايمان سەبا كوچىسى»، دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك  27 – كوچا بولۇپ تاللاندى.

تارىخى، بىناكارلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزىگە خاس مۇھىتى بىلەن ماختاشقا ئەرزىيدىغان كوچىدىكى «قاتار كەتكەن ئۆيلەر»، «كوچىنىڭ باش تاجى» دەپ ئاتىلىدۇ. «قاتار ئۆيلەر» يەنە تۈركىيەدىكى تۇنجى ئاممىۋى تۇرالغۇ لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ. سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە، قۇرۇلۇشى، دولماباھچە سارىيى ئۆيلىرى سۈپىتىدە 1875 – يىلى باشلانغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى ئوردىدا ئىشلەيدىغان قاراۋۇللار ۋە ئاغالارنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، ھازىرقى مەنىدە ياتاق ئۆي قىلىپ لايىھەلەنگەن، يەنە بەزىلىرى بولسا ئىجارە ئۆيى قىلىپ لايىھەلەنگەن.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئانىسى، سىڭلىسى ۋە بېقىۋالغان ئوغلىمۇ قاتار ئۆيلەردىكى 76-نومۇرلۇق بىنادا بىر مەزگىل تۇرغان. ئاتاتۈركمۇ دائىم بارىدىغان بۇ ئۆي ، ئۇ تىلشۇناس فېردىناند دې سۇسسۇر بىلەن تونۇشقان ۋە تۈرك تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن تۈرك تىل تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئۇلىنى سالغان ئۆيدۇر. 2010-يىلى مۇزېي سۈپىتىدە ئېچىلغان ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيدە ئاتاتۈرككە ئائىت بۇيۇملار ۋە تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەر خىل سىنئالغۇ پىروگراممىلىرى، ھۆججەتلىك فىلىملەر ۋە فىلىملەر  ئارقىلىق بالقان ئۇرۇشى، كۆچمەنلەر ۋە مىللىي كۈرەش قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر