ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (5)

1887709
ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

تەرلەش، بەدەننىڭ ئىسسىقلىقى، سۇ ۋە تۇز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋالدۇر. ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەش، بولۇپمۇ قولتۇق، تاپان ۋە ئالقانلاردا ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

• ئالما سىركىسى

بەدىنىڭىز پۈتۈنلەي قۇرۇغاندا، پاكىز پاختا توپىغا ئالما سىركىسى تۆكۈڭ. بۇ پاختا توپىنى تەرلەيدىغان رايونلارغا سۈرۈپ، قۇرۇشىنى كۈتۈڭ. ئەتىگەندە ئويغانغىنىڭىزدا، يەنە بىر قېتىم ئىللىق سۇدا يۇيۇنۇپ، سىركىنىڭ پۇرىقىنى چىقىرىۋېتىڭ. بەدەن ئۇپىسىنى تەرلەيدىغان رايونلارغا سۈرۈڭ.

• چۆل يالپۇزى

ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەش مەسىلىسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىدىن بىرى چۆل يالپۇزىدۇر. چۆل يالپۇزىنى 2 خىل شەكىلدە ئىشلىتىش مۇمكىن. بىرى، چۆل يالپۇزىنى چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىش، يەنە بىرى بولسا، چۆل يالپۇزىنى بەدىنىمىزگە قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتۇر.

چۆل يالپۇزىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇنى15-20 مىنۇت دەملەپ، سوۋۇتۇڭ. ئاندىن، پاختا توپى ياكى بىر پارچە رەختنى چايغا چىلاپ، كۆپ تەرلەيدىغان جايغا سۈرۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە 2-3 قېتىم تەكرارلاڭ.

• دولانا چېيى

دولانا چېيىنى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك چاي تەييارلاش ئۇسۇلى بويىچە قاينىتىپ، دەملەپ، كۈنىگە 1 ئىستاكان ئىچسىڭىز بولىدۇ.

دولانا چېيى ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشكە پايدىلىقتۇر.

 

• لىمون ۋە تۇز ئارىلاشمىسى

لىمون ۋە تۇز ئارىلاشمىسى ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

  • 3 قوشۇق لىمون سۈيى
  • 1 قوشۇق تۇز

تەييارلاش ئۇسۇلى: ماتېرىياللارنى بىر-بىرىگە ياخشى ئارىلاشتۇرۇڭ. ئاندىن بۇ ئارىلاشمىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەيدىغان رايونغا سۈرۈپ، 5-6 مىنۇت كۈتۈڭ. ئاندىن بۇ رايوننى پاكىز يۇيۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى بىر قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

• ئېچىتقۇ

يېرىم ئىستاكان سۇ بىلەن 1 قوشۇق ئېچىتقۇنى ئارىلاشتۇرۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى تەرلەيدىغان رايونلارغا سۈرۈڭ. 15 مىنۇتتىن كېيىن، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە 2 قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

• قارا بۇغداي

قارا بۇغداي تەرلەشنى تەڭشەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى. بىر چىمدىم قارا بۇغداينى بىر ئىستاكان سۇدا 5 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، بىر نەچچە مىنۇت دەملەپ، ئىچسىڭىز بولىدۇ.

• كوكۇس مېيى

كوكۇس يېغىنىڭ پۇرىقى ناچار پۇراقلارنى يوقىتىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. ئىللىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن، تەرلەيدىغان رايونلارغا كوكۇس مېيى سۈرسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كوكۇس يېغى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

• يېشىل چاي

ئوخشىمىغان 2 خىل شەكىلدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىش، ئىككىنچىسى، قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش. يېشىل چاينى قولتۇق، قول ۋە پۇت قاتارلىق كۆپ تەرلەيدىغان رايونلارنى تازىلاش سۈيى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئالدى بىلەن، يېشىل چاينى دەملەيمىز، ئاندىن سوۋۇتىمىز. 15-20 مىنۇتتىن كېيىن، بۇ ئارىلاشمىنى بىر پارچە رەخت ياكى پاختا توپىنىڭ ياردىمىدە ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەيدىغان رايونغا سۈرگەندىن كېيىن، ئۇخلايمىز. بۇ ئۇسۇلنى سىستېمىلىق ھالدا ھەر كۈنى قوللانغىنىڭىزدا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەش مەسىلىسىنى تەبىئىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشتا بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرىدۇر. لېكىن، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى قوللىنىش كېرەك.

• قارا چاي

ئوخشىمىغان 2 خىل شەكىلدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىش، ئىككىنچىسى، قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش. تەرلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 1 ئىستاكان قارا چاي ئىچسىڭىز بولىدۇ.

بىر چەينەكتە قارا چاينى دەملەڭ. ئاندىن ئۇنىڭ سوۋۇشىنى كۈتۈڭ. ئىللىق ھالغا كەلگەندىن كېيىن، پاختا توپىنى چايغا چىلاپ، تەرلەيدىغان رايونلارغا سۈرۈڭ. چاي قۇرۇغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسىڭىز بولىدۇ.

• كاربونات ۋە ئالوي

 كاربونات ۋە ئالوي ئارىلاشمىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار:

  • 2 چاي قوشۇقى كاربونات
  • 2 قوشۇق ئالوي گېلى

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن، ئەگەر سىز ئۆيدە ئۆستۈرگەن ئالوي ئۆسۈملۈكى بولسا، ئۇنىڭدىن گېلى ئالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 1 ياكى 2 ئالوي يوپۇرمىقىنى كېسىپ، بىر قوشۇقنىڭ ياردىمىدە ئارىلاشتۇرۇش قاچىڭىزغا گېلى سۇيۇقلۇقىنى ئېلىڭ. ئاندىن گېلى سېلىنغان قاچىغا 2 چاي قوشۇقى كاربونات ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ياخشى ئارىلاشتۇرۇڭ.

ئارىلاشمىنى تەييارلىغاندىن كېيىن، تەرلەيدىغان رايونغا سۈرۈڭ. ئارىلاشمىنى تازىلىشىڭىز ياكى يۇيۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنى شۇ پېتى قويۇپ قويۇڭ. ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنى ھەر كۈنى قوللىنىشىڭىز كېرەك.

• ئىللىق چۆل يالپۇزى، يېڭى ياكى قۇرۇتۇلغان پىننە ئىستېمال قىلىش، زەرچىۋە تالقىنى ئىستېمال قىلىش، بەدەندىكى ھەددىدىن زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشنى ئازايتىدۇ ۋە ئادەمنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر