ھامسى <ئانچوئۇس> بېلىقى

(بىلىۋېلىڭ)

1885200
ھامسى <ئانچوئۇس> بېلىقى

ھامسى <ئانچوئۇس> بېلىقى

ھامسىنىڭ تۈركىيەدە ئالاھىدە مۇھىم بېلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تونۇلغان ۋە تاماقلىرى ئېتىلىدىغان ھامسى بېلىقى، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايونىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تۈركىيەدە قارادېڭىز دېيىلگەن ھامان تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى ھامسى بېلىقى بولۇپ، قارادېڭىز خەلقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق مەنبەسىدۇر. گەرچە ھامسى بېلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوۋلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما قارادېڭىزدىكىگە ئوخشاش يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتەلمىگەن. ھامسى قارادېڭىز رايونىدا بېلىقچىلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە سىمۋولىدۇر. بولۇپمۇ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشايدىغان قارادېڭىزلىقلار، سۆيگۈ، غەزەپ – نەپرەت، ھىجران  مەزمۇن قىلىنىدىغان ناخشىلاردا، ماقال-تەمسىلەردە، جېدەل – ماجىرالاردا، يەنى كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە دېگۈدەك ھامسى بېلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ھامسى بېلىقى، قارادېڭىز خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى مۇزىكىكىدىن ئەدەبىياتقىچە، فولكلوردىن سىياسەتكىچە، ئىقتىسادتىن تەنتەربىيەگىچە بولغان ساھەلەردە بىر ئىلھام مەنبەسىدۇر.

شەرقىي قارادېڭىز رايونىدا، ئۆكتەبىرنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى، بېلىقچىلار دۇئا ۋە نەزىر - چىراغ قىلغاندىن كېيىن، دېڭىز بويىغا بارىدۇ. گەرچە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنسىمۇ، ئەمما قارادېڭىز تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر قىسمى سۈپىتىدە ھامسى بېلىقى تائاملىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بۇ رايوندا ئېتىلىدۇ. ھامسى كاۋىپى، ھامسى پولۇسى، ھامسى شورپىسى، ھامسى كۆفتىسى، ھامسىلىق سالات،  ھامسى پىدەسى، ھامسى زاغرا نېنى، ھامسىلىق مايلىق بولكا قاتارلىقلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. يېمەك سىرتىدا ھامسى سۈتلاچ، ھامسىلىق باقلاۋا، ھەتتا ھامسى مۇرابباسىمۇ بار.

 قارادېڭىز مەدەنىيىتىدە، توي قىلىش يېشىغا توشقان قىزلارنىڭمۇ چوقۇم ھامسى پولۇسى ئېتىشىنى بىلىشى كۈتۈلىدۇ.

قىسقىسى، تۈركىيەدە ھامسى ئۈچۈن ئۆزى كىچىك، ئەمما مەدەنىيىتى چوڭ، دېيىشىمىز مۇمكىن.


خەتكۈچ: #بىلىۋېلىڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر