گالاتا مۇنارى

بىلىۋېلىڭ (3)

1882261
گالاتا مۇنارى

گالاتا مۇنارى

ئىستانبۇلدىكى گالاتا مۇنارىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مۇنارلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مۇنارلاردىن ھېسابلىنىدىغان گالاتا مۇنارى، ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا تەرىپىگە، بەيئوغلۇ ناھىيەسىدىكى ئىستانبۇل بوغۇزىغا قارايدىغان مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان.

گالاتا مۇنارى تۇنجى قېتىم مىلادىيە 508-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جاستىنىئانوس تەرىپىدىن ياسالغان. نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا شاھىت بولغان ۋە زىيانغا ئۇچرىغان بۇ مۇنار، 1349-يىلى گەنەۋىزلىكلەر تەرىپىدىن قايتا ياسالغان. 1500-يىللاردىكى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان ۋە رېمونت قىلىنغان مۇنارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە 3 - سېلىم دەۋرىدە بىر شىپاڭ ئىلاۋە قىلىنغان. 1831-يىلى، مۇنار يەنە بىر قېتىم ئوت ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە رېمونت قىلىنغان. 2 - مەھمۇد مۇنارنى يەنە ئىككى قەۋەت يۈكسەلدۈرگەن ۋە مۇنارنىڭ ئۈستى كۇلاھ شەكىللىك داڭلىق  ئۆگزە رېشاتكىسى بىلەن قاپلانغان. 1967-يىلى رېمونت قىلىنغان بۇ مۇنار، ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى رېمونت قىلىنغان.

ئىستانبۇلنى ئەسىرلەر بويى زىننەتلەپ كېلىۋاتقان گالاتا مۇنارى، ئەسلىدە ماياك مۇنارى سۈپىتىدە ياسالغان بولسىمۇ، ئەمما تارىخ بويىچە زىندان، رەسەتخانا ۋە ئوت ئاپىتى مۇنارى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەقسەتلەردە ئىشلىتىلگەن. جەمئىي 11 قەۋەتتىن تەركىب تاپقان مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى، يەر يۈزىدىن ئۆگزىنىڭ ئۇچىغىچە 69 مېتىر، يەر مەيدانى 208 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىكتۇر.

«ئىستانبۇلدا زىيارەتتە قىلىشقا تېگىشلىك جايلار» دېيىلگەن ھامان تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولغان گالاتا مۇنارى، بۈگۈنكى كۈندە  مۇزېي سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە، ھەمدە  يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن دائىم زىيارەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر