پىلانېتالار ئارا سەپەر رىقابىتى قايتىدىن باشلاندى

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قايتىدىن باشلىنىپ كەتكەن پىلانېتالار ئارا سەپەر رىقابىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...

1866111
پىلانېتالار ئارا سەپەر رىقابىتى قايتىدىن باشلاندى

پىلانېتالار ئارا سەپەر رىقابىتى قايتىدىن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھەممە ئىش نائىل ئارمستروڭنىڭ مەشھۇر «تۇنجى قەدىمى»دىن كېيىن باشلاندى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن كىچىك، ئەمما ئىنسانىيەت ئۈچۈن غايەت زور بىر قەدەم ئىدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا، ئايغا بېسىلغان ئۇ قەدەمدىن كېيىن يەنە 12 ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئايغا قوندۇردى. بۇلارنىڭ سايىسىدا بىزنىڭ سىرتىمىزدىكى ئايىغىمىز تەگكەن بىردىنبىر پىلانېتا ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق...

ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس ئىدى؛ ناسا ئاپوللو پىروگراممىسى ئۈچۈن تەخمىنەن 280 مىليارد دوللار سەرپ قىلدى، پىروگرامما ئالتە قېتىم تەكرارلاندى. ئامېرىكادىكى باج تاپشۇرغۇچىلار بۇ تەتقىقاتلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئايغا چىقىش ۋەزىپىسى ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈتكە چۈمدى. ئەمما، نۆۋەتتە ئايغا چىقىش تۈرلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رىقابەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. يېقىنقى 10 يىلدا خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئالەم بوشلۇقى ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى. بۇ ساھەدىكى SpaceX قاتارلىق شىركەتلەر، ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يەلكىسىدىن ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم بوشلۇقىنىڭ بىر خىل ساياھەت ساھەسى بولۇشقا باشلىشىمۇ، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى مەنبە يارىتىشقا باشلىدى. قايتىدىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتالار بولسا، تەننەرخنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، پىلانېتلار ئارا ساياھەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان ئايغا يېتىش، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاسان بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

نۆۋەتتىكى ئالەم قاتنىشى رىقابىتىگە قارىغاندا، بىز كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا سۈنئىي ھەمراھقا قاراپ يولغا چىققان بىر كۆپ ئالەم كېمىسىنى كۆرۈشكە باشلايدىغاندەك تۇرىمىز. ئۇنداقتا، ئالەم بوشلۇقى تەتىقاتى ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىشقا شۇنچە مۇھىم، سۈنئىي ھەمراھىمىز بىز ئۈچۈن يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلالامدۇ ۋە بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا نېمىلەرنى قىلىمىز؟

نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ناسا، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە خىتاي كەلگۈسى 10 يىلدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا. بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ مەقسەت، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ياشىيالايدىغان ۋە خىزمەت قىلالايدىغان بازا قۇرۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن مارسقا، ئاندىن يۇلتۇزلار ئارا سىستېمىغا سەپەر قىلىش ئۈچۈن قاراۋۇلخانا تەسىس قىلىش. چۈنكى ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىدا دەپ قارىلىۋاتقان سۇ مەنبەسى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز بايلىق. گەرچە ھازىرچە ئاي شارىنىڭ «دۇنيالاشتۇرۇلۇشى» ۋە ئىنسانلارنىڭ يېڭى ماكانى بولۇشى مۇمكىندەك قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ قىسقا مۇددەتلىك ساياھەتلەر ئۈچۈن بىخەتەر پورتقا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى چوڭ نىشان، ئەلۋەتتە، بايلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئازىيىشى ۋە ئۇرۇشلار بۇ كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. پۈتكۈل دۇنيا ئېنېرگىيە كىرىزىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا، ئاي شارىدا بايقالغان بىر قىسىم ئېلېمېنتلارنىڭ ھەم سانائەت بايلىقى بولۇشى، ھەم يېقىلغۇ تۈرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.

يەر شارىدىكى گېلىي 3، تىتان، پىلاتىنا، تۆمۈر، نىكېل ۋە ئالتۇن قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مۇھىم. ھېلىيۇم-3 گازى يەرشارىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما ئاي شارىدا مول. بۇ گازنى ئىلغار يادرو بىرىكتۈرۈش رېئاكتورلىرى شۇنداقلا ساغلاملىق ساھەسىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

بىزنىڭ كائىناتتا يالغۇز ياكى ئەمەسلىكىمىز توغرىسىدىكى سوئالغا تېخى جاۋاب بېرىلمىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانلىرىنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، ئوخشىمىغان سامانيوللىرىدىكى مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت.

ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ يىراق تەرىپىدىكى ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك تونۇشىنى ئۆستۈرىدىغان رادىيو تېلېسكوپلىرىنى قۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ رايوندىكى نۇرلار ئالەم بوشلۇقىنىڭ يىراق جايلىرىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاي شارى تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر نىشانى، بۇ پىلانېتانى بىر ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش.

كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا، ئاي شارىنىڭ بىر ساياھەت ئورنى بولۇشى ئارزۇ قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئالەم قاتنىشى شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن سودا پائالىيىتى ئۈچۈن ئورۇن زاكاس قىلىشنى باشلىدى.

ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئايدىن يەر ساتىدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئەمما، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ھېچقانداق ئادەم، ئورگان ياكى دۆلەت ئاي شارىدا ھەق دەۋاسى قىلالمايدۇ. بۇ بەلگىلىمىنىڭ قانچىلىك كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاي شارىدىن كېلىدىغان خەۋەر بەلگىلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر