سامانداغ ساھىلى

بىلىۋېلىڭ - 49

1865412
سامانداغ ساھىلى

سامانداغ ساھىلى

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ساھىللىرىدىن بىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا، خاتاي ۋىلايىتى چېگرالىرىغا جايلاشقان ۋە ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر كېلىدىغان «سامانداغ دېڭىز ساھىلى»، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ساھىللىرىدىن بىرىدۇر. تۈركىيەنىڭمۇ ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ساھىلى بولغان «سامانداغ دېڭىز ساھىلى»، يەنە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋېتىلگەن ئاممىۋى دېڭىز ساھىلى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ دېڭىز ساھىلىدىكى دېڭىز بەزى پەسىللەردە بىر قەدەر دولقۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما كۈزدە تىنچلىنىدۇ.

دېڭىز بويىغا جايلاشقان «تىتۇس تونېلى» مۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان جايلارنىڭ بىرى. رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياسالغان بۇ تونېل، ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان تۇنجى ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈنلەي تاغ ئىچىگە ئويۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 1380 مېتىر، ئېگىزلىكى 7 مېتىر، كەڭلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان تونېل، تاغلاردىن چۈشكەن سۇنىڭ پورتقا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن ياسالغاندۇر. تونېلنىڭ دېڭىز تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزىغا يېقىن بىر جايدا بولسا، ئىچىدە نۇرغۇن تاش قەبرىلەر بار بەشىكلى غار ۋە بىرئاز ئالدى تەرىپىگە مۇھىم قەدىمكى پورت شەھىرى بولغان سېليۇكىيا پىئېريا جايلاشقان.

«سامانداغ ساھىلى» نەسلى تۈگەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان چېلونىيە مىداس ۋە كارېتتا كارېتتا دېڭىز تاشپاقىلىرى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئاز ساندىكى تۇخۇم تۇغۇش ۋە كۆپىيىش ساھەلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر