نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى

بىلىۋېلىڭ - 44

1851646
نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى

نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى

تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر لەتىپە قەھرىمانى نەسىردىن ئەپەندى ئۈچۈن ئۇدا 63 يىلدىن بۇيان  ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر فېستىۋالنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

 تۈرك مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان نەسردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، ھەر يىلى ئىيۇل ئېيىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ئاقشەھىر ناھىيەسىدە نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇنجى قېتىم  1959-يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋال، تۈركىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن فېستىۋاللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

13-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ دانىشمىنى بولغان نەسىردىن ئەپەندى، ئۆتمۈشتىكى ئەۋلادلار بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئۆزئارا بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئۆزگىچە ئۆتكۈر زېھنى بىلەن تونۇلغان. نەسىردىن ئەپەندى، كۆلدۈرۈۋېتىپمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان لەتىپىلىرى، كۆلگە خېمىرتۇرۇچ ئوغرىلىشى، رەڭدار  ۋە دانا مىجەز – خاراكتېرى، ئېشىكى، سەللىسى ۋە تونى بىلەن، بالقان رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە كەڭ قورساقلىق سىگناللىرىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە زېھنىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.

ھەر يىلى 5-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتلەر، 1973-يىلدىن باشلاپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ئەھلىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان خەلقئارالىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلاندى. 5 – ئىيۇل كۈنى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنىڭ قەبرىسىدىن ئويغىنىشى ۋە ئاقشەھىر كوچىلىرىدا ئايلىنىشى بىلەن باشلىنىدىغان فېستىۋال، كېيىنچە ئاقشەھىر كۆلىگە خېمىرتۇرۇچ ئوغرىلاش بىلەن داۋاملىشىدۇ.

ئۇدا 6 كۈن داۋامنلىشىدىغان فېستىۋال مەزگىلىدە، كونسېرت، تىياتىر، كۆرگەزمە، كىتابقا ئىمزا قويۇش ۋە ئوچۇق يىغىن قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر