ناتونىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (44)

1850637
ناتونىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيە

ناتونىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (44)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ناتونىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

29- ئىيۇندا مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر يىغىنىدا، ناتونىڭ (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىسى قوبۇل قىلىندى. ئىلگىرىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىگە سېلىشتۇرغاندا بىخەتەرلىك مۇھىتىدىكى ئېغىر ئۆزگىرىش ناتونىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەىلىك چۈشەنچىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. بۇ دائىرىدە، 2010-يىلدىكى ھۆججەتتە مۇھىتى تىنچ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى سەۋەبىدىن تىنچلىق مۇھىتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئىتتىپاققا ئەزا بىرەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى ھۆججەتتە، رۇسىيەنىڭ شېرىكچىلىكىدە يادرو قوراللارنى ئازايتىش، قوراللارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى ۋە ئومۇمىي نۇقتىدىن قورالسىزلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسا، يېڭى ھۆججەتتە، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئاساسەن رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەلىرى سەۋەبىدىن جىددىيلەشكەن ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەندى.  يەنە بىر تەرەپتىن، گەرچە ئالدىنقى ھۆججەتكە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باللىستىك پىروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، سۈرىيە، شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەنىڭ بولسا، دۆلەتتىن تاشقىرى قوراللىق ئاكتىيورلار بىلەن بىرلىكتە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىدە، ناتونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ساقلاپ قېلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىتتىپاقنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ۋەزىپىسى داۋاملىشىدۇ. بۇلار: تەھدىت ۋە مۇداپىئە، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش شۇنداقلا ھەمكارلىق بىخەتەرلىكىدۇر. شۇنداقتىمۇ بۇلارغا قوشۇمچە ئىجتىمائىي ئىلاستىكىلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە قارىتىلغان تەكىتنىڭ ئالاھىدە كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى چۈشەنچە رايونىدا ئىلاستىكىلىقنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا «ھالقىلىق» ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يېڭى ھۆججەتتە ئىتتىپاقنىڭ بەشىنچى ماددىسى بولغان كوللېكتىپ مۇداپىئە دائىرىسىدە، مۇداپىئە ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەندى.

 

يەنە بىر تەرەپتىن، يادرو قوراللار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ناتونىڭمۇ يادرو ئىتتىپاقى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا دائىر قارىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناتونىڭ يادرو قورالىنىڭ مەقسىتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش،تاجاۋۇزچىلىق ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، ناتونىڭ ھەر قانداق رەقىبىگە قارشى ئىشەنچلىك بىر چېكىندۈرگۈچ كۈچكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تەرەققىي قىلغان ۋەيران قىلغۇچ تېخنىكىلارنىڭ ھەم پۇرسەت، ھەم خەۋپ ئىكەنلىكى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى، تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ۋە دۇنياۋى رىقابەتنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى غەلىبىگە بارغانسېرى تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەھدىت مۇھىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئىلاستىكىلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى تەكىتلەندى. بۇ دائىرىدە، ناتونىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ جەھەتتىن ئىلاستىكىلىقىنى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقى بايان قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈنۈملۈك مۇداپىئە ۋە چېكىندۈرگۈچ كۈچ ئۈچۈن تېخنىكا نۇقتىسىدا ئالەم بوشلۇقى ۋە ئالەم بوشلۇقى تور ساھەسىگە ئۈزلۈكسىز كىرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالەم بوشلۇقى تور ساھەسى ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە كۆرۈلىدىغان ھۇجۇملارنىڭ «قوراللىق ھۇجۇم سەۋىيەسىگە يېتىشى مۇمكىنلىكى» ھەمدە ئىتتىپاقنىڭ 5-ماددىسىنى ئىشقا سېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

ناتونىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە رۇسىيەگە ئايرىلغان رول ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ دۈشمەنلەرچە سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى ھۆججەتتىكىگە ئوخشاش شېرىك قاتارىدا كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يېڭى چۈشەنچىدە ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تىنچلىقى ھەمدە مۇقىملىقىغا نىسبەتەن رۇسىيە ئەڭ مۇھىم ۋە بىۋاسىتە تەھدىت دەپ كۆرسىتىلدى. يېڭى ھۆججەتتە يەنە، كۈتۈلگىنىدەك خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇن ئاجرىتىلدى. بۇ نۇقتىدا، خىتايغا قارشى ئېنىق ۋە قاتتىق تىل ئىشلىتىلدى. خىتاينىڭ دېڭىز، ئالەم بوشلۇقى ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ساھەلەردە قائىدە - پىرىنسىپ ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە «بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا» ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر