تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

1829671
تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

(مۇرات يېشىلتاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى كۈتۈلگىنىدەك تۇنجى بولۇپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا كۆرسەتتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كېڭىيىش سىياسىتى دائىرىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن تەڭ بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت قوزغىدى. ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى باھانە قىلىپ، ئۇكرائىناغا ئارىلىشىشىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغان رۇسىيە، ئەمدىلىكتە فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇشى بىلەن يېڭى بىر رىقابەتكە دۇچ كەلدى. ئەمما  بۇ قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

بۇنىڭ ئىككى ئاساسلىق سەۋەبى بارلىقىنى تىلغا ئالالايمىز. بىرىنچىسى، ئەگەر شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولسا، رۇسىيەنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. ئەگەر رۇسىيە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا قاتنىشىشىنى تەھدىت دەپ قاراپ، يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت قوللانماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇرۇش ئۇكرائىنا بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەگەر رۇسىيە ئىنكاس قايتۇرماي، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھېچقانداق مەسىلىسىز ناتوغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنسا، ئۇ چاغدا رۇسىيە ئۆز چېگراسىدا ناتو تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنغان بولىدۇ. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئىككى دۆلەت ناتوغا قوشۇلغاندا رۇسىيە بالتىق دېڭىزى رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچ يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

 

ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە، ئەڭ كۈچلۈك ئەزالارنىڭ بىرسى بولغان تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىدۇر. بۇ سىياسەت بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن يېڭى بىر ھەمكارلىق مۇساپىسىگە قەدەم قويغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى بۇزۇش خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ مەزكۇر ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىگە ئېتىراز بىلدۈرىشىنىڭ بولسا، ناھايىتى ھەقلىق سەۋەبلىرى بار.

ئالدى بىلەن شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەككى، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى كېڭىيىش باسقۇچىنى قوللاشقا مايىل. شۇڭلاشقا فىنلاندىيەنىڭ قوشۇلۇشىغا ھەددىدىن زىيادە قارشى چىقمايۋاتىدۇ. لېكىن بولۇپمۇ شىۋىتسىيەنىڭ پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈركىيەنى بۇ دۆلەتكە قارىتا تېخىمۇ ئېھتىياتچان سىياسەت قوللىنىشقا قىستىماقتا. چۈنكى شىۋىتسىيە پ ك ك نىڭ ئۆز دۆلىتىدە راھەت ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇپ كەلمەكتە ھەمدە سۈرىيەدىكى پ ي د غا قورال – ياراق ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قىلماقتا. شىۋىتسىيە ياۋروپادىكى پ ك ك ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. پ ك ك نىڭ شىۋىتسىيەدىكى پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئاتالمىش ​​ئاممىۋىي تەشكىلات پائالىيەتلىرى، پۇل يۇيۇش، ئەزا توپلاش ۋە تۈركىيەگە قارشى لوبىچىلىق پائالىيىتى قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بار. شىۋىتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى سىياسەتلىرى پەقەت پ ك ك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  يەنە، 15-ئىيۇلدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ئەزالىرىغىمۇ ئۆز دۆلىتىدە پاناھلىق بەرمەكتە.

تۈركىيە شىۋىتسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلماقتا ۋە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە پىسەنت قىلمىغان بىر دۆلەتنىڭ ئەزالىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شىۋىتسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىشىدىنمۇ بەك  تەبىئىي ئەھۋال يوق. لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا يېڭى يېرىق پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ كۈتۈپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر