ت ر ت دۇنياغا داڭلىق ياش مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇردى

دۇنياغا داڭلىق ياشلارنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان «NEXT by TRT World Forum» يىغىنىغا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى

1827148
ت ر ت دۇنياغا داڭلىق ياش مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2017 - يىلدىن باشلاپ دۇنيادىكى مۇھىم دۇنياۋى مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ت ر ت  دۇنيا مۇنبىرىنىڭ ياشلارغا ئاتاپ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان «NEXT by TRT World Forum» ئۆز ساھەسىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن  زورلۇ سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان پائالىيەت جەريانىدا تېخنىكىدىن مېتاۋىرسغىچە،  NFT  سېخىدىن ئالەم ساياھىتىگىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

2017 - يىلدىن بويان دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە سەھنە ھازىرلاپ كېلىۋاتقان «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى»، ئۆز ساھەلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سادالىرىنى ياڭرىتىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان يېڭى بىر سۇپا تەسىس قىلدى. 14 - ماي شەنبە كۈنى زورلۇ سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «NEXT by TRT World Forum» دە، ئۆز ساھەلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ياشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ياشلارنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى كۈچى ۋە رولى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

ت ر ت باش مۇدىرى سوباجى: « NEXT ياشلار بىلەن ۋە كەلگۈسىنى ئۇچراشتۇرىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش» دېدى.

«مېتاۋېرس ۋە مېدىيا: ئەڭ يېڭى تېخنىكا يۈزلىنىشى ئاخباراتچىلىققا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، ياشلار بىلەن بىرلىكتە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىغا قۇلاق سالغان ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى، ياشلارغا خىتاب قىلىپ: « NEXTياشلار بىلەن كەلگۈسىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش. ياشلىق بىلەن كەلگۈسى بىر يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئۈچىنچى بىر ئۇقۇمنى قوشۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئۈمىد ئۇقۇمى. ئەمەلىيەتتە، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر نۇقتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى قارارلارنى چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمىز،  كېڭىشىش سۇپىسى قۇرماقچى بولۇۋاتىمىز، ئەمما بىر نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىمىز. ئۇ بولسىمۇ، مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدىغان ياشلاردۇر. شۇڭلاشقا بىز NEXT  نى تەشكىللىدۇق، (دىققەتنى) ياشلارغا مەركەزلەشتۈرمەكچى بولدۇق. چۈنكى ياشلىقتا، ياشلارنىڭ خاراكتېرىدە ئىجادچانلىق، تەسەۋۋۇر، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ھاياتىي كۈچ بار. ئەگەر سىز بۇ ھاياتىي كۈچنى، ئىجادىي پىكىر ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇساپىسىگە قاتناشتۇرمىسىڭىز، بۈگۈنكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىسىز. شۇڭلاشقا، تېخنولوگىيەنى ئالدىنقى ئەۋلادلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىجادىي ۋە مەسىلە ھەل قىلىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىدىغان ياشلارنى بۇ بايراقنىڭ ئاستىغا توپلاشنى قارار قىلدۇق.

تارماق يىغىنلاردا «ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات» ئامىلىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى

يەرشارىمىزنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىدىن تارتىپ ئالەم ساياھىتىگىچە، تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن تارتىپ جەمئىيەتلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگىچە، ھازىرىي ئىستېمال قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلاردىن تارتىپ خىزمەت مودېللىرىغىچە بولغان نۇرغۇن سوئال ۋە مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان  «NEXT by TRT World Forum» غا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ياش مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى. ياشلارنىڭ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە قوشىدىغان تۆھپىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن پائالىيەتتە «ئاكتىپ پۇقرالىق» ئۇقۇمىنى تەكىتلىگەن كىشىلەرنىڭ بىرى «سوسيالبەن» ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەجە چىفتچى بولدى.  «ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆز دۆلىتىمىز ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلساق، دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئوخشاش نەرسىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن چىفتچى، «ھەمكارلىق»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

دۇنيانىڭ تۇنجى مېتاۋېرس قۇرغۇچىلىرى جان يۇرداقۇل، فايسال ئۇ-ك، سارا ئەلجامال ۋە بەگۈم ئايدىنئوغلۇ بولسا، مېتاۋېرسنىڭ يېڭى دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. مېتاۋېرس ئارقىلىق چېگرالارنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مېتاۋېرس قۇرغۇچىلىرى، ياشلارنىڭ بۇ ساھەدە قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلىقىنى ئىشتىراكچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

كىلىمات كىرىزىسى توغرىسىدىكى «سەييارە ئۈچۈن سادايىڭنى ياڭرات: ياشلارنىڭ كىلىمات ھەرىكىتى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا بارلىق ئىشتىراكچىلار قىزىقىش بىلەن قاتناشتى. ياش كىلىمات پائالىيەتچىسى شيې باستىدا سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن چوڭلارنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۇلارغا <كەلگۈسىمدىن قورقۇشنى خالىمايمەن> دەيمەن. مەن 2050 - يىلى 1 مىليون 200 مىڭ كىلىمات مۇساپىرىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن. مەنە يەنە دۇنيانىڭ %90 ىنى ياشاشقا بولمايدىغان ھالەتتە كۆرۈشنى خالىمايمەن » دېدى. يەنە شۇ يىغىندا سۆز قىلغان نېشاد شافى: «بىزنىڭ ئەرەب ياشلار كىلىمات ھەرىكىتىنى قوزغىتىشىمىزدىكى سەۋەب، رايوندىكى ياشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت. بەزىدە يەرشارى كىلىمات ھەرىكىتىنى پەقەت ئاق تەنلىكلەرگە خاس بىر ئىشتەكلا ئويلايمەن. تاراتقۇلار ھەمىشە غەربتىكى كىلىمات يىغىنلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېدى.

ياشلارغا NFT  دىن مېتاۋېرسقىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلار توغرىسىدا تەجرىبىلەر بايان قىلىپ بېرىلدى

ئاساسىي سەھنىدىكى يىغىنلاردىن باشقا، پاراللېل سەھنىدىلەردىمۇ نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.  NFT   سېخىدىن رەقەملىك رەسىملەرگىچە، ئالاھىدە مېھمانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن مەۋھۇم رېئاللىققىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى سىناپ تەجرىبىگە ئىگە بولغان ياشلار، «NEXT by TRT World Forum»  سايىسىدا ھەم ئۆزئارا، ھەم رايون ھەمدە خەلقئارا سەۋىيەدىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر