(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن

سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.

1809766
(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاھا سۈرىسى، 127 - 135 ئايەتلەر. ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[127]. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[128]. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى[129]. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن[130]. بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر[131]. (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر[132]. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟[133]. ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگەشتۇق» دەيتتى[134]. ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»[135].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر