ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېيى

بىلىۋېلىڭ - 30

1803148
ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېيى

تۈركىيە بويىچە تۇنجى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى شەھەرلىك ئاياللار مۇزېيىنىڭ ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېيى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

2012-يىلى 25 سېنتەبىر كۈنى ئىنتېرنېت مۇھىتى ئاستىدا ئېچىلغان ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېيى، تۈركىيەنىڭ بىرىنچى، دۇنيادىكى ئۈچىنچى شەھەرلىك ئاياللار مۇزېيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا ئۆلچەملىرىگە توشىدىغان زامانىۋى مۇئەسسەسە ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرچە پەقەت ئىنتېرنېت ئارقىلىقلا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېي؛ تۇنجى ئايال خەتتات، تۇنجى ئاياللار ژۇرنىلى نەشىر قىلغۇچىسى ۋە تۇنجى ئاياللار كىلاسسىك غەرب مۇزىكا يېتەكچىلىرى قاتارلىق ئۇنتۇلۇپ ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەتكەن، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى شەخسلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. مۇزېينىڭ دائىمىي كۆرگەزمىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 660 يىلى «بىزانتىيون» نامى بىلەن باشلانغان ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ھاياتىدا ئۆزىدىن كېيىنكى ئاياللار ئۈچۈن «باشلامچىلىق» رولىنى ئوينىغان، ياكى ئويناۋاتقان ئاياللارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا ئورۇن بېرىدۇ. مۇزېي يەنە، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە دىيالوگ مەقسىتىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق لايىھەلىرىنى تەييارلايدۇ.

تۈركىيەدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، خالىغان ۋاقىتتا، يالغۇز ياكى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇزېي ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان تۆت خىل تىلدىن خالىغىنىنى تاللاش ئارقىلىق ئىستانبۇل ئاياللار مۇزېيىنى زىيارەت قىلالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر