مۇزېي گازخانا

بىلىۋېلىڭ - 24

1779751
مۇزېي گازخانا

بىر ئەسىر ئىستانبۇلنىڭ يورۇتۇش ۋە يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان ماي ئىسكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى بىلەمسىز؟

 1891-يىلى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گازخانىسى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغان ھەسەنپاشا گازخانىسى، ئۇدا 101 يىل بويىچە شەھەرنىڭ يورۇتۇش ۋە يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. تېخنولوگىيەسى كونىراپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ قارىلىپ، 1993-يىلى شەھەرنىڭ باشقا ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى توختىتىلدى.

130 يىللىق تارىخىي ئۆتمۈشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان بۇ تارىخىي ئىمارەت، كەڭ دائىرىلىك رېمۇنت قىلىنىپ، مەدەنىيەت-سەنئەتنى ئاساس قىلىدىغان «ياشاش ساھەسى» گە ئايلاندۇرۇلدى. 2021-يىلى 9 ئىيۇل كۈنى زىيارەتچىلەرگە ئىشىكلىرىنى ئاچقان «مۇزېي گازخانا» نىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ كەڭ ساھە ئىچىدە كىلىمات مۇزېيى، كارتون ۋە يۇمۇر  مۇزېى، ئىلىم-پەن مەركىزى، كۈتۈپخانا، كۆرگەزمە ساھەلىرى، ئۆگىنىش ساھەلىرى ، ئىككى تىياتىر كونسېرت زالى ۋە كىتابخانا بار. يېشىل ساھەلىرى بىلەنمۇ دىققەت قوزغايدىغان مۇزېينىڭ باغچىسىدىكى تاشلاندۇق ماتېرىياللار بىلەن ياسالغان ھەيكەللەر ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئىستانبۇلنىڭ كادىكۆي ناھىيەسىگە جايلاشقان «مۇزېي گازخانا»، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئورنى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن سىزنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر