كەلگۈسىنىڭ ئىننتېرنېتى <WEB 3.0> دۇنياغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ؟

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 22

1768623
كەلگۈسىنىڭ ئىننتېرنېتى <WEB 3.0> دۇنياغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ؟

كەلگۈسىنىڭ ئىننتېرنېتى <WEB 3.0> دۇنياغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ؟

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 22

گامزە دەمەچ سىبىچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… بۈگۈن بىز سىلەرگە «كەلگۈسىنىڭ ئىننتېرنېتى <WEB 3.0> دۇنياغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ؟» تېمىلىق يېڭىلىقنى تونۇشتۇرىمىز.

2021-يىلى ھاياتىمىزغا يېڭى تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار ئېلىپ كىردى. شىفىرلىق پۇللار سېلىنمىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلدى. مېتابولىزم ئالىمى كېڭەيدى، ھەتتا يەر سېتىشمۇ باشلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇمكىن قىلىدىغىنى «كەلگۈسىنىڭ ئىنتېرنېتى» دەپ ئاتىالغان «WEB 3.0» تورىدۇر.

«WEB 3.0» ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىنتېرنېت دېگەنلىك بولىدۇ.

ئەڭ ئاددىي شەكىلدە سۈنئىي ئىدراك ئىقتىدارى بىلەن قوراللانغان ئوچۇق ماشىنا دەپ تەسۋىرلىسىمۇ ياكى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ماشىنا دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ يېڭى ئەۋلاد ئىنتېرنېتنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، مەركىزى كۈچلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايدىغانلىقىدۇر. شىفىرلىق پۇل ئىشلىتىدىغان توسۇش سىستېمىسى ئارقىلىق مۇستەقىل ئىنتېرنېتنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى ۋە كونتروللۇقىنى بىر قانچە چوڭ شىركەتتىن ئېلىپ يۇمشاق دېتالغا يۆتكىگەنلىكىدۇر.

ئەگەر بۇ ئۇقۇملار سىزنى گاڭگىرىتىپ قويغۇۋاتقان بولسا، ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد ئىنتېرنېتنى چۈشەندۈرۈپ، ئوخشىماسلىقلارغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىنتېرنېتنىڭ دەسلەپكى دەۋرى: WEB 1.0

ئىنتېرنېتنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدىغان WEB 1.0 دە، ئابونتلار پەقەت كۆرۈرمەن، ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇرمەن شەكلىدە تاق يۆنىلىشلىك ئالاقە قىلالايتى. ئىشلەتكۈچى قارشىدىكى مۇلازىمېتىرغا ئۇلىنىپ، تور بەتتىكى ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، بەتنى تاقايتتى. توردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتالمايتتى. ئېلىم – سېتىم قىلالمايتتى ۋە كۆرگەن ئۇچۇرلارغا دەخلى قىلالمايتتى. لېكىن بۇ پاسسىپ مەزگىل WEB 2.0 نىڭ ھاياتىمىزغا كىرىشى بىلەن ئۆزگەردى ۋە دۇنيانىمۇ باشتىن ئاخىر ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

ئىنتېرنېتتە ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى دەۋرى: WEB 2.0

ئىككىنچى ئەۋلاد ئىنتېرنېت تور سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى ۋە مەزمۇننىڭ كېڭىيىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئوبىنتلار توردا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئۇچۇرلارنى بىر - بىرى بىلەن ھەمبەھىرلەيدىغان تورغا ئايلاندى. بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئېلخەت، تېلېفون پروگراممىلىرى ۋە بىلوگلار پەيدا بولدى. كېيىنچەGoogle ، Facebook ، Twitter ۋە YouTube قاتارلىق تور بېكەتلەر ھاياتىمىزغا كىردى.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر چەكلىك بولسىمۇ، ئىنتېرنېتكە  تۆھپە قوشۇشقا ۋە قاتنىشىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ قاتنىشىش ھاياتىمىزغا ئۇچۇر بۇلغىنىشى، سانلىق مەلۇماتقا خىلاپلىق قىلىش ۋە تور جىنايىتىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، يۇقىرى تەلەپ ۋە تېخىمۇ چوڭ ئۈمىد WEB 2.0 نىڭ سىغىمچانلىقىنى قېيىنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىنتېرنېتتە يېڭى ئىنقىلاب ئېھتىياجى تۇغۇلدى ۋە WEB 3.0 نىڭ يولىنى ئاچتى.

«WEB 3.0» دەۋرىدە ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى ئىشلەتكۈچىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ

ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىنتېرنېتتە، ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ۋە باشقۇرغۇچى «ئورتاق تونۇش كېلىشىمنامىسى» دەپ ئاتالغان مۇقىم كودلۇق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنتېرنېتتىكى مەركەزچىلىك يوقىلىدۇ ۋە ئابونتلارنىڭ ھەمبەھىرلىشىشىنى ئاساس قىلغان سىستېما بارلىققا كېلىدۇ.

مەركەزچىلىكتىن خالىي تورنىڭ ئوچۇقلىقى، ھېچقانداق تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىۋالالمايدىغان ياكى زىيارەتنى چەكلىمىگە ئۇچرىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەممەيلەن مەركىزىي بىر شىركەتنىڭ رۇخسىتىسىز ئوخشىمىغان ئەپلەرنى قۇرالايدۇ ۋە ئالاقە قىلالايدۇ.

WEB 3.0 ئارقىلىق ھەر بىر ئىجتىمائىي سۇپا ئۈچۈن ئايرىم بىر ھېساب ئېچىشقا ئېھتىياجىڭىز قالمايدۇ. پەقەت بىرلا ھېساب بىلەن سۇپىلار ئارىسىدا كاشىلىسىز ئالمىشالايسىز ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ، مېتابولىزم ئالىمىگە يول ئاچىدۇ.

WEB 3.0 دا قانداق خەتەرلەر مەۋجۇت؟

Web 3.0 مەركىزىي كۈچلەردىن يىراقلىشىپ، كونتروللۇقى ئىشلەتكۈچىنىڭ قولىدا بولىدىغان، تېخىمۇ كەڭ ۋە بىخەتەر ئىنتېرنېت بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا. لېكىن، ھازىرقى كۈندە توردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقان نەپرەت سۆزلىرى، خاتا ئۇچۇر ۋە تور جىنايلىرى بۇ ئەركىنلىك مۇھىتىدا تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. مەركەزچىلىكتىن خالىي ئىنتېرنېتنىڭ كونتروللۇق مەسىلىسى، كەلگۈسىنىڭ ئىنتېرنېتىدە زادى نېمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر