قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر بىزگە نېمىلەرنى كۆرسەتتى؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (20)

1762815
قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر بىزگە نېمىلەرنى كۆرسەتتى؟

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر بىزگە نېمىلەرنى كۆرسەتتى؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (20)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر بىزگە نېمىلەرنى كۆرسەتتى؟» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

2022-يىل خەلقئارا سىياسەت نۇقتىسىدىن تېز باشلانغان بىر يىل بولدى. غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ 2022-يىلدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا باشلىقلار يىغىنىدىن ھەل قىلىش چارىسى چىقمىغان ئىدى. دەل ئەكسىچە  بىر بىرىگە قارشى ئېلان قىلىنغان باياناتلار ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بولسا، يارىشىشنىڭ ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، ئەمما رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توغرىسىدا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. موسكۋا دائىرىلىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇردى. پۇتىننىڭ ئامېرىكىغا «بىخەتەرلىك كاپالىتى» سۈپىتىدە سۇنغان شەرتلىرىنىڭ ئورۇندىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ھەممەيلەن ئۇكرائىنا كرىزىسىغا مەركەزلەشكەن ھالقىلىق پەيتتە قازاقىستان ۋەقەسى يۈز بەردى. بېنزىن ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سەۋەبى بىلەن باشلانغان نامايىش ناھايىتى تېزلا قازاقىستاننىڭ ئىچكى كرىزىسىغا ئايلاندى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى. تەشكىلات قازاقىستاننىڭ چاقىرىقىغا تېزلا ئىنكاس قايتۇرۈۇپ، قازاقىستانغا بىرلەشمە ھەربىي قىسىم يوللىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ پارلاق دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئىقتىسادنى كۈچەيتتى. چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىپ، تاشقى سىياسەتتە تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يولغا قويۇش ئارقىلىىق رايوندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. نازاربايېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە تېز تەرەققىي تاپقان قازاقىستان يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ ئېنېرگىيە رىقابىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى ۋە مول تەبىئىي بايلىقلىرى سايىسىدا رايوندىكى كۈچ رىقابىتى جەھەتتە ئۈنۈملۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. لېكىن يۈز بەرگەن نامايىشلار قازاقىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكى نامايان قىلدى. يۈز بەرگەن ئىشلارغا نۇرغۇن ئىزھاتلارنى بېرىش مۇمكىن ئەسلىدە.

«گەرچە ئىقتىسادى ئاشقان ۋە مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، قازاقىستاننىڭ كىرىم تەقسىماتىنىڭ  جەمئىيەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋىيەدە  ھەل قىلىنمىغانلىقىدىن بولدى» دېيىش دەسلەپكى ئىزاھاتلارنىڭ بىرسى ئىدى. دەرۋەقە مول تەبىئىي بايلىقلاردىن ئېرىشكەن كىرىمنى جەمئىيەتكە تەڭ تەقسىملىيەلمەسلىك جەمئىيەتتە ئۇزۇندىن بۇيان بىئاراملىق  پەيدا قىلماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىلەر يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇم بىلەن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئېنىق. قىسقىسى نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادتىن تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ئىدى. لېكىن ئىقتىساد ۋە كىرىمنىڭ باراۋەر تەقسىملىنىشىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىلا نامايىشنى ئىزاھلاشقا يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە.

قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن، رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدە ئورۇن ئالغان بىر دۆلەت. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن ئورناتقان ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى رۇسىيەنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلە سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئوينىغان ئاكتىپ رولى موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ ۋەجىدىن قازاقىستاننىڭ سەزگۈر كۈچ رىقابىتىنىڭ مەركىزىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇشى نامايىشنىڭ تېزلىكتە كونتروللۇقتىن چېقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئايلاندى. رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي قىسىملىرىنى تېزلىكتە ئەۋەتىشىنى بۇ كۈچ تەڭلىمىسى ئىچىدە ئىزاھلىغىلى بولىدۇ.

قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقە 2021-يىلى قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى مۇھىم سىنىقى بولدى. تەشكىلات تېزدىن يىغىن چاقىرىپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلدى. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تېخى بۇنداق كرىزىسلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدىغان مېخانىزمغا ئىگە بولالمىغان ئىدى. شۇڭا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل كرىزىسلاردا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىراز ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار.

 قازاقىستاندا ئىشلار تىنىچلاندى، ئەمما رايوندا كۈچ رىقابىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى كېرەكلىك بىر باسقۇچ باشلاندى. بۇ نۇقتىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ يەلكىسىگىمۇ چوڭ روللار چۈشمەكتە.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر