سۇلتان ئەھمەد جامەسى

بىلىۋېلىڭ - 16

1753213
سۇلتان ئەھمەد جامەسى

ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئىستانبۇلدىكى بىر مەيدانغىمۇ نامى بېرىلگەن سۇلتان ئەھمەد جامەسى، 17-ئەسىردىكى مۇھىم بىناكارلىق سەنئىتى يادىكارلىقلىرىدىن بىرىدۇر. توپكاپى سارىيى ۋە ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بۇ ھەيۋەتلىك بىنا، سۇلتان 1 - ئەھمەدنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئاشۇ دەۋرنىڭ باش بىناكارى سەدەفكار مەھمەت ئاغا تەرىپىدىن ياسالغان نادىر يادىكارلىقتۇر. بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى 1609-يىلى باشلانغان، 1617-يىلى تاماملانغان بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئالتە مۇنارلىق بىردىنبىر جامەدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىق جامەلىرىدە ئەڭ مۇھىم ئۇنسۇرلاردىن بىرى بولغان گۈمبەز، سۇلتان ئەھمەد جامەسىدە تېخىمۇ ھەيۋەتلىكتۇر. سۇلتان ئەھمەد جامەسىدىن ئورۇن ئالغان 260 دېرىزىلىك چوڭ گۈمبەز، خۇددى ھاۋاغا ئېسىپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ جامەنىڭ  باشقا جامەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان تەرىپى، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يورۇق ۋە ساھەسىنىڭ كەڭ ھەم ھۇزۇرلۇق بولۇشىدۇر.  

 ئىچكى - تاشقى بېزەكلىرى بىلەن پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ ئۆزىنى تونۇتۇشقا مۇيەسسەر بولغان سۇلتان ئەھمەد جامەسى، كۆك، يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك مىڭلارچە ئىزنىك ساپال قاچىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە سىرتىدا «Blue Mosque كۆك جامە» دەپ ئاتالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ بىنا، تۈركىيەنىڭ تارىخىي بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر