سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (17)

1752175
سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (17)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

 

 ئاستانە مۇساپىسىگە ئالاقىدار 17- نۆۋەتلىك يىغىنى ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىشقا ئاشتى. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە نۇر-سۇلتاندا چاقىرىلغان سۈرىيە تېمىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىندا، سۈرىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى  تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش شۇنداقلا پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

 

سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا خېلى مەزگىلدىن بۇيان ئېغىر ھەربىي ھەرىكەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىدە توسالغۇلار پەيدا بولدى. مانا شۇنداق شارائىتتا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاستانەدە يەنە بىر يەرگە جەم بولدى. ئاستانەدىكى 17-نۆۋەتلىك يىغىندا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى، ئەمما تەرەپلەرنىڭ مەيدانىدا تېخىچى ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا; «سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى. بولۇپمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان قانۇنسىز ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇم ۋە بېسىملىرى سەۋەبىدىن ئەندىشىلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. بۇ دائىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ غا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز تەكىتلەندى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ غا تۇتقان مۇجمەل سىياسىتىدىن تۈركىيە داۋاملىق بىئارام بولۇپ كەلمەكتە. رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن پ ك ك/ ي پ گ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ مۇمكىن بولغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى قاتارلىقلار  تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۇمانىنى كۈچەيتمەكتە.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ ھازىرمۇ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تەخمىنەن 45-50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوننى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيەت قىسىملىرىمۇ تۈركىيەنىڭ چېگرا لېنىيەسىگە جايلاشقان بۇ رايونلاردا پ ك ك/ ي پ گ تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپ تۇتماقتا. تېخىمۇ جەنۇبتا بولسا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مەۋجۇت. يەنە كېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تېل رىفات ۋە مەنبىچتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەنزىرە بار. پ ك ك/ ي پ گ ئۇنسۇرلىرى بۇ رايونلارنى تۈركىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا قارىتا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. ھەتتا پات-پات بىۋاستە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قارىتا تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىلگىرى ئېيتقىنىدەك، يا بۇ رايونلاردىكى تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرى رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيەت قىسىملىرى تەرىپىدىن تازىلىنىدۇ، ياكى تۈركىيە بىۋاسىتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.

رۇسىيە تۈركىيەنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ  مەسىلىسىدە  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تەھدىتلەرنى بىلگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، سۈرىيەدە ھەل قىلىش چارىسى تىپىش ياكى مەغلۇبىيەت ئۈستىگە مەغلۇبىيەت پاتقىقىدىن چىقىش مۇمكىن ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر