ئۆڭكۈرلەر جەننىتى - ئانادولۇ

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1751652
ئۆڭكۈرلەر جەننىتى - ئانادولۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆڭكۈر نەقىشلىرى بارلىق مەدەنىيەتلەردە دېگۈدەك بار بولۇپ، ئۇنى بەزىدە ئۇلارنىڭ داستانلىرىدا، بەزىدە ئەپسانىلىرىدە، بەزىدە دىنىي ھېكايىلىرىدە ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇ بىر ئورتاق ئوبرازدۇر، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئۆتمۈشى، ئورتاق ئەسلىمىسى ئۆڭكۈرلەردە ئەكس ئېتىدۇ. چۈنكى بۇ قۇرۇلمىلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇنجى پاناھگاھى ئىدى، ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردىن پاناھلىنىش ماكانى، ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىنىش جايى ئىدى… ئۇلار ئۆيلەرنى سېلىپ ئۆڭكۈرلەردىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەرلەرنى دائىم ئېسىدە ساقلاپ كەلدى. ئۇلار ھەققىدە رىۋايەتلەر، ئەپسانىلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى چۆچەكلەر ۋە داستانلارغا تېما قىلدى… ئۇلار ئۆڭكۈرلەردە ياشىمىغان بولسىمۇ، ئۇنى مەدەنىيىتىدە داۋاملىق گۈللىتىپ، ياشنىتىپ كەلدى.

ئۆڭكۈرلەر ھەمىشە يەر ئاستىغا ئېچىلغان قاراڭغۇ ۋە قورقۇنچلۇق جايلار دەپ قارالدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بىزنىڭ كونا دۇنيامىزنىڭ مۇز دەۋرىگىگە سوزۇلغان  ئىزنالىرى تېپىلغان ئۆزگىچە ئۇچۇر مەنبەسىدۇر. ئانادولۇ جۇغراپىيەسىگىمۇ قىرىق مىڭغا يېقىن ئۆڭكۈرى بىلەن «ئۆڭكۈر جەننىتى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شىپالىق بولىدىغانلىرىمۇ، تەنتەرىھەتچىلەر ۋە سەيياھلارنى جەلپ قىلىدىغانلىرىمۇ، دىنىي سىمۋول سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدىغانلىرىمۇ ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تېما بولغانلىرىمۇ بار.

بۈگۈن بىز تۈركىيەدىكى بۇ ئۆڭكۈرلەرگە بىر قانچە مىسال كەلتۈرۈپ، ئۆڭكۈرلەرگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتمەكچى، سىلەرنى ھەيۋەتلىك بىر دۇنياغا تەكلىپ قىلماقچىمىز.

* * * * *

ئانادولۇ جۇغراپىيەلىك ۋە گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەرنىڭ ماكانى. قىرىق مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھازىرغىچە پەقەت ئوندىن بىرى ئېنىقلىنالىدى. ئۆڭكۈرلەر ئانادولۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن جايلىرىدىن تارتىپ ئېگىز تاغ چۇققىلىرىغىچە، شەرقىدىن غەربىگىچە، شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بولغان بارلىق رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جايلار تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا سوزۇلۇپ ياتقان تورۇس تاغلىرىدۇر... تورۇس تېغى ئېتىكىدىكى ئانتاليادا ئۆڭكۈرلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسى تۈركىيەنىڭ ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى ئۆڭكۈرى  «داملاتاش ئۆڭكۈرى»گە ساھىبخانلىق قىلماقتا. تاسادىپىيلا تېپىلغان ئۆڭكۈرگە نوكچىلاردىن سۇ تامچىلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ نام بېرىلگەنمىش. سۇلار ھازىرمۇ توختاۋسىز تامچىلىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئون بەش مىڭ يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆڭكۈردە گۈل چېڭى يوق، ئۇنىڭدىكى ئوكسىگېن مىقدارى يۇقىرى، نەملىك نىسبىتى %90 ئەتراپىدا بولغاچقا، داملاتاش ئۆڭكۈرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە، بولۇپمۇ زىققا كېسىلىگە پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

ئۆڭكۈر سەھەر پەيتلىرىدە شىپالىق ئىزدەپ بارغان بىمارلار ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدۇ، ئۇ ئەسنادا ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 21 كۈنلۈك داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم بىر دوختۇردىن بىمار ئۆڭكۈرگە كىرسە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇدا داملاتاش ئۆڭكۈرىگە ئوخشاش داۋالىنىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەر بار. دەنىزلىدىكى كاكلىك ئۆڭكۈرى شۇلارنىڭ بىرى. ئۆڭكۈردىكى تېرمال سۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. يەر يۈزىنىڭ نەچچە يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن چىقىدىغان گۈڭگۈرت ۋە كاربونات مىقدارى مول بۇ تېرمال سۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆڭكۈرنىڭ تېرە كېسەللىكى بارلارنىڭ دائىم زىيارەت قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. ئىككى مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە كاكلىك ئۆڭكۈرى، «يەر ئاستىدىكى پامۇققەلئە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.چۈنكى پامۇققەلئەنىڭ پەلەمپەيسىمان ھالەتتىكى كۆركەم ھاك چېچەكلىرى بۇ ئۆڭكۈردىمۇ ئۇچرايدۇ.

شىپالىق ئىزدەش مەقسىتىدە زىيارەت قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرى بۈگۈنكى كۈندە جەلپكارلىقى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۇز ئۆڭكۈرلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانىڭ بىمارلارنىڭ نەپەسلىنىش سۈپىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى، يۈرەك ۋە قان سىستېمىسى قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رولىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ يەنە ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشقا خاتىمە بېرىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، ھارغىنلىق ۋە بېسىم قاتارلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. نۆۋەتتە بىمارلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان چانكىرى ۋە ئىغدىردىكى تۇز ئۆڭكۈرلىرىنىڭ ساغلاملىق ساياھىتىگە ئېچىۋېتىلىشىگە ئالاقىدار رەسمىي خىزمەتلەر داۋام قىلماقتا. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، ئۆڭكۈرلەردىن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە پايدىلىنىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقان داۋالاشلارغا قوشۇمچە يولغا قويۇلغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، بىمارلارنىڭ چوقۇم دوختۇرغا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى.

* * * * *

قىرقلارئەلىدىكى دۇپنىسا ئۆڭكۈرى، تراكيانىڭ ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۆڭكۈرىدۇر. شەكىللىنىشى تەخمىنەن تۆت مىليون يىلدىن بۇيان  داۋاملاشقان بۇ ئۆڭكۈر، بىر چوڭ يەر ئاستى سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان يەر ئاستى دەرياسى ۋە چوڭقۇرلۇقى 2 مېتىر كېلىدىغان كۆللىرى بار. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ 180 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەنلىكى ئېنىقلاندى. دۇپنىسا ئۆڭكۈرى بىر – بىرىگە تۇتاش ئىككى قەۋەتلىك ئۈچ ئۆڭكۈردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قۇرۇق ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى غايەت زور ستالاكتىتلار ۋە ستاگلىتلار كۆرگەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر ئاستى دەرياسى ۋە چوڭقۇر كۆللىرى بولغان تۆۋەن قەۋەتتىكى سۇلۇق ئۆڭكۈر بولسا، ساياھەتچىلەر ۋە تەبىئەت تەنتەربىيەسىگە قىزىققۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.

يەنە ئانتاليادىكى كارائىن ئۆڭكۈرىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىنسانلار ياشىغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئۆڭكۈرى. ئۆڭكۈردىكى قېزىش نەتىجىسىدە، تۇنجى ئىنسانلارنىڭ ئىزلىرى بايقالدى ۋە بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى باشلانغاندىن بۇيان ئىزچىل ئولتۇراق ماكانى بولۇپ كەلگەنلىكى ئېنىقلاندى. كارائىن ئۆڭكۈرىنىڭ يالغۇز ئانادولۇ ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم بىر تارىختىن بۇرۇنقى ئارخولوگىيەلىك ئورۇن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. شۇڭلاشقا ئۇ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۆڭكۈردە ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تەۋە 11 مېتىر ئېگىزلىكتە مەدەنىيەت قاتلىمى بار. ئۆڭكۈردىن يەنە ئوۋ  ئوۋلىغۇچى ئەجدادلىرىمىز تاش ۋە سۆڭەكلەردىن ياسىغان ئاددىي قوراللار، مارجانلار ۋە بۈگۈنكى ئانادولۇدا بولمىغان پىل، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرىمۇ تېپىلدى. بەش يۈز مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەيەرلەردە ياشىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار، كارائىن ئۆڭكۈرىنى تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقتا.

* * * * *

ئۆڭكۈرلەر سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەن، نەچچە يۈزمىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان يىللار جەريانىدا تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئەمگىكى بىلەن شەكىللەنگەن ماكانلار بولۇپ، ئۇ ھەم ئىنساننىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ، ھەمدە ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. ئۇلار يەر ئاستىنىڭ تەسىرلىك، سىرلىق، شۇنداقلا ئېستېتىك شەكىللىرىدۇر... تام، پول ۋە تۇرۇسلىرىدىكى ھەر خىل رەڭ ۋە ئاجايىپ شەكىلدىكى ستالاكتېت ۋە ستاگلىتلىرى، ھاك چېچەكلىرى، ھەمدە ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى بىلەن كىشىنى باشقا دۇنيالارغا باشلاپ بارىدۇ. ئۆڭكۈرلەر ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىگە ئىشىك ئاچىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر