پىشلاق مۇزېيى

بىلىۋېلىڭ - 15

1746769
پىشلاق مۇزېيى

قارسنىڭ بوغاتەپە يېزىسىدا پىشلاق مۇزېيى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

قارس بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 سائەت كېلىدىغان بوغاتەپە، داڭلىق قارس گراۋيېر پىشلىقى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېزىدۇر. شىۋېيتسارىيەلىكلەر ئالپ تېغىغا ئوخشىىتىدىغان بۇ يېزا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى پىشلاق مۇزېيىغىمۇ ساھىبخانىلىق قىلماقتا.

يېزىدا 1880-يىلى بەرپا قىلىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلمىگەن ماندىرا، بوغاتەپە، مۇھىت ئاسراش ۋە كۈندىلىك ھايات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۇقرالار تەرىپىدىن رېمۇنت قىلىنىپ، مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغان. 2010-يىلى ئېچىلغان بۇ گاسترونومىيە مۇزېيى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىروگراممىسى (UNDP) نىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

ئۈچ بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مۇزېيدا، بوغاتەپە، قارس گراۋييېرى ۋە پىشلاق تارىخى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملەر ۋە ماقالىلەر ئورۇن ئالغان. بۇ يەردە، ئۆيلەردە ئەنئەنىۋى شەكىلدە پىشلاق ياساش باسقۇچلىرى ۋە پىشلاق ياساشقا مۇناسىۋەتلىك  قەدىمكى قېلىپلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇزېينىڭ ئىچىدە، بۇ رايوندا ئۆستۈرۈلگەن 100 دەك تەبىئىي ئۆسۈملۈك تۈرى تونۇشتۇرۇلغان بىر تاختىمۇ بار بولۇپ، تاختىدا، تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسىملىرى، رەسىملىرى ۋە نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر